باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ 55 يىللىق ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2013.05.13 15:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: 2013-يىلى 11-ماي، تۆھپىكار ئانا،تونۇلغان يازغۇچى،ژۇرنالىست ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ 70 يىلدىن ئاشقان مەنىلىك ھاياتى ۋە 55 يىللىق ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەتكە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماينۇر قاسىم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خاسىيەت ئېلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان قاتارلىق رەھبەرلەر، يۇرت مۆتىۋەرلىرى، يازغۇچى-ئەدىبلىرىمىز، مىھرىبان ئانىلار ۋە ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپى ۋەكىللىرى، ئەدەبىياتشۇناسلار، ئايشەم ئەخمەتنىڭ كەسىپداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

  بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەر تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ ،پائالىيەت ئەنە شۇ تۆھپىكارلارنىڭ بىرسى بولغان،ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىنى، تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىش ۋە جاپاكەش، تۆھپىكار ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئازات سۇلتان ئەپەندى ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ،قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىپ ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ ئىجادىي ھاياتىنىڭ ئەدەبىي قىممىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  پائالىيەت داۋامىدا مېھنەتكەش ئۇستاز، تۆھپىكار ئانىمىز ئۈچۈن ياڭرىغان بارىكاللا سۆزلىرى ۋە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى.ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ كەسىپداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلىپ تون كەيگۈزسە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، قومۇل ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، قومۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ژۇرناللار، مەتبۇئاتلار ھەتتاكى ئايشەم خانىمنىڭ چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى ۋە تىلەكلىرىنى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

ئالاقىدار خەۋەرلەر