باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

«قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ھەققىدە

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يازغۇچىلار توغۇرسىدا يېزىلغان تونۇشتۇرۇش ياكى ئەسلىمە خارەكتىرىدىكى ماقالە- كىتاپلارنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى بۇنداق كىتاپلاردا كىتاپخانلار تېخى بىلىشكە، ئاڭلاشقا ، چۈشۈنۈشكە ئۈلگۈرمىگەن نۇرغۇن يېڭلىقلار سۆزلەنگەن بولىدۇ . كىتابخانلارنى نورغۇن يىڭى تونۇشلارغا ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن: فىرانسىيەدە بالزاك توغرىسىدا « خۇپىيانە بالزاك » ناملىق بىر ئەسلىمە كىتاۋى يېزىلغان. بۇ كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كىيىن كىشلەرنىڭ بولۇپمۇ كىتابخانلارنىڭ بالزاكقا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوقۇرلىغان، بالزاكنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان قىزىقىشىمۇ ئاشقان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ساھەسىدە ئەدىبلەرنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر بېلدۇرۇش خارەكتىرىگە ئىگە ئەسلىمە ياكى تونۇشتۇرۇش خارەكتىرىگە ئىگە كىتابلارنى يېزىش تېخى يىڭى ئىش . يازغۇچى ماخمۇت مۇھەممەت يازغان : « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ناملىق كىتاب بۇ جەھەتتە تۇنجى بولۇش بىلەن بىرگە بىزنىڭ زوردۇن سابىردىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك يازغۇچىمىزنىڭ ھايات تارىخىدىكى قىسمەن بۆلەك ۋە قىسمەن كەچۈرمۇشلىرىنى، ئۆزىگە خاس خارەكتىرى ۋە بىلىم سەۋىيەسىنى بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

  كىتابتا زوردۇن سابىرنىڭ 1964- يىللىرى غۇلجا شەھەر 2- ئورتا مەكتۋىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلگەندىن باشلانغان ھايات تارىخى بايان قىلىنغان، كىتاب يازغۇچى ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ زوردۇن سابىر بىلەن تونۇشۇش ۋە بۇ يازغۇچى توغرىسىدىكى كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ئاساسىي بايان نوقتىسى قىلىپ يېزىلغان. شۇنداق بولغاچقا كىتاب ئاپتورى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بولمىغان نۇرغۇن تەپسىلاتلار يېزىلمىغانلىقى ياكى كىتابتىن چۈشۈپ قالغانلىقى ئېنىق، شۇنداقتىمۇ « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ناملىق بۇ ئەسلىمە كىتابىنىڭ بىزگە بولغان قىممىتى ئىنتايىن زور . بىز زوردۇن سابىرنىڭ كىشلىك ھاياتىدا بېسىپ ئۆتكەن مەلۇم پەۋقۇلئادە مەزگىللەردىكى ھايات ئېزلىرىنى ئادەملەرگە، رېئاللىققا تۇتقان پوزۇتسىيەلىرىنى مۇشۇ كىتابتىن بىلەلەيمىز. يازغۇچىنىڭ خۇشخۇي، كەمتەر خارەكتىرىنى مۇشۇ كىتابتىن كۆرەلەيمىز، تېخىمۇ مۇھىمى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتكە ، ئەدەبىياتقا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، قانداق يازىدىغانلىقى ھەم قانداق تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىغا دائىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا مۇشۇ كىتاب ئارقىلىق ئىرىشىمىز .بىزنى تېخىمۇ قىززىقتۇرىدىغىنى، بۇ كىتابتىكى ئۇچۇرلۇق قىممىتىگە ئىگە يىل، ئاي خاتىرلىرىدۇر. ھازىرقى كۈندە زوردۇن سابىرنىڭ « ئابرال شاماللىرى » قاتارلىق رومانلىرىنى قانداق شارائىتلار ئاستىدا يازغانلىغىنى ، بەزى ھېكايىلىرىنى قاچان، قەيەردە يازغانلىغىنى بىز بىلمەيمىز، ھەتتا « ئانا يۇرت » رومانىنى قاچاندىن باشلاپ يېزىشقا تەييارلىق قىلغانلىغغا دائىر تەپسىلاتلىرىنىمۇ بىلمەيمىز. بىز پەقەت بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە بېلىشلەرگە « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ناملىق ئەسلىمە كىتابىنى ئوقۇش ئارقىلىقلا ئىرىشىمىز .

  كىتابتا يەنە زوردۇن سابىرنىڭ شەخسى خارەكتىرى، تىل ئىشلىتىش ئادەتلىرى، ھەرىكەتلىرىگىچە ئىنچىكە خاتىرىلەر بار، بۇلارمۇ بىزنىڭ يازغۇچىنى ئەتراپلىق بېلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. كىتابتا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بارلىقىنى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ئاتىۋەتكەنلىكىدەك قىممەتلىك روھى چوڭقۇر يورۇتۇلغان تەپسىلاتلار بىزنى ئىنتايىن تەسىرلەندۇرىدۇ. بىز بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا، زوردۇن سابىرنىڭ ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇردىغانلىقىنى ، قاراڭغۇ، تار ئۆيلەردە ئولتۇرغاندىمۇ شارائىتتىن ۋايسىماي ئىجادىيەت قىلغانلىقىنى بىلىمىز، ئۆز ئائىلىسىدىن ئەدەبىيات ئائىلىسىنى ئارتۇق كۆرگەنلىكىنى، ئۆز شەخسى ئىشىدىن ئەدەبىيات ئىشىنى مۇھىم بىلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ناملىق كىتاب بىزنىڭ يازغۇچى زوردۇن سابىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى ئەينەك، يازغۇچى توغرىسىدا كىيىنكى ئەۋلادلارغا سۆزلىنىدىغان قىممەتلىك ئۇچۇر بولۇشىتەك خارەكتىرى بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر