باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تەخەللۇسشۇناسلىق ۋە زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەدەبىي تەخەللۇس يازغۇچى – شائىرلارنىڭ ئۆزلىرى يازغان ئەسەرلىرىدە قوللانغان نامىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھازىر ئەدەبىي تەخەللۇسشۇناسلىق ئىلمى سۈپىتىدە ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى بىر خىل تەتقىقات ئوبيېكتى بولۇپ قالدى.

  ئەدەبىي تەخەللۇسشۇناسلىق ئاساسەن، يازغۇچى - شائىرلارنىڭ تەخەللۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى، ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان تەتقىقات تېمىسى.

  ئېلىمىزدە ئەدەبىي تەخەللۇسشۇناسلىق تەتقىقاتى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلانغان. ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات 1936- يىلى نەشىر قىلىنغان« ھازىرقى زامان جوڭگۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسلىرى » دېگەن كىتاب بولدى. ئاندىن 1944- يىلى «يازغۇچىلار تەخەللۇسلىرى تىزىملىكى » نەشىر قىلىندى. بۇ ئىككى كىتابتا تەخەللۇسى تىلغا ئېلىنغان يازغۇچىلار ئانچە كۆپ بولمىدى. ئىزدىنىش، توپلاشمۇ ئانچە يېتەرلىك بولمىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىنلا تەخەللۇس تەتقىقاتى ھەقىقىي رەۋىشتە چوڭقۇرلاشتى. 1980- يىلى سىچۇەن خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن « لۇشۈن ئەدەبىي تەخەللۇسلىرىغا چۈشەندۈرمە » دېگەن كىتاب نەشىر قىلىندى. شۇ يىلى يەنە شەنشى خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن « لۇشۈن ئەدەبىي تەخەللۇسلىرى ھەققىدە » دېگەن تەتقىقات ئەسىرى نەشىر قىلىندى. شۇندىن كىيىن «جوڭگۇ يازغۇچىلىرى ئەدەبىي تەخەللۇسلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى» ، (1986- يىلى ئەدەبىيات - سەنئەت نەشىرىياتى نەشىرى )، « جوڭگۇ ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى » قاتارلىق ئەسەرلەر ئارقا - ئارقىدىن نەشىر قىلىندى. ئەدەبىي تەخەللۇسشۇناسلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممىتى شۇكى، ئۇ يازغۇچىنىڭ ھايات مۇساپىسى ياكى ياشىغان دەۋرى، مۇھىتى، ئىدىيىسى،كۆز قارىشى قاتارلىقلار بىلەن ناھايتى زور ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە بولغان بولىدۇ. بىر يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىدىن شۇ يازغۇچىنىڭ ھايات قارىشىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەخەللۇسشۇناسلىق تەتقىقاتى تېخى بىر بوشلۇق ھالەتتە تۇرماقتا. گەرچە بىزنىڭ بەزى يازغۇچى - شائىرلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا ئۆزلىرىگە ئەدەبىي تەخەللۇس ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەدەبىي تەخەللۇسلارنىڭ شۇ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي مەنىسى ھەم ئەھمىيىتى،يازغۇچىنى بىلىشتىكى قىممىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە ھېچقانداق تەتقىقات - ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلمىدى. شۇڭا، بىزنىڭ يازغۇچىلار توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىمىز بىر تەرەپلىمىلىكلەردىن خالىي بولالمىدى.

  شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئەدەبىي تەخەللۇس - « قاينام ئۆركىشى » نىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مەنىسى ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، بۇ تەخەللۇسقا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسى سىڭگەنىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېلىمىزدە زۇلۇم - زوراۋانلىق چېكىگە يەتكەن بىر دەۋردە ياشىدى. ئۇ ئۆزىگە « قاينام ئۆركىشى » دېگەن تەخەللۇسنى قوللىنىش ئارقىلىق خەلىقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بىرىۋاتقان كۇرەش قايناملىرىغا ئۆزىنى ئېتىپ، جانلىق ھەم ھەرىكەتچان كۈرەش جەڭچىسى بولۇپ چىقىشتەك ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. دېققەتكە سازاۋەر يىرى شۇكى، شائىرىنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى ئىپادىلىگەن بۇ ئىجتىمائىي مەنە شائىرنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيىتىدە ئىزچىل ئۆز ئەھمىيىتىنى نامايان قىلىپ كەلدى. تىيىپجان ئىليوفنىڭ « جۈرئىتى » تەخەللۇسىنىڭمۇ شائىر ئىجادىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ .ئەينى يىللاردا تىيىپجان ئىليوف ئۆز ئوقىۋاتقان دىننى مەكتەپتىكى مۇتەسسىپ موللامنىڭ شېئىر يېزىشىنى چەكلىشىگە قارىشى ھالدا ئۆزىگە «جۈرئىتى » دەپ تەخەللۇس قويۇپ ئۆزىنىڭ شېئىر يېزىش يولىدىن قايتىمايدىغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. تىيىپجان ئىليوف تەخەللۇسىدا ئىپادىلىگەن ئىرادىسى بويىچە شېئىرىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى.

  يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆز ئىجادىيىتىدە « سەبرى» ئەدەبىي تەخەللۇسنى قوللانغان، ئۇ بۇ تەخەللۇسى بىلەن « ئىنساپ» ، « قەشقەر كوچلىرى » قاتارلىق ھېكايىلەرنى يازغان.

  « سەبرى» - ئەرەب تىلىدىن ئۆزلەشكەن سۆز بولۇپ،تىلىمىزدا « سەۋرى» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەنىسى:« قانائەت قىلىش، تاقەت قىلىش، تەمكىن بولۇش» دېگەنلەرنى ئىپادىلەيدۇ. يازغۇچىنىڭ بۇ ئەدەبىي تەخەللۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى مۇنداق چۈشەندۇرۇش مۇمكىن، بىرى ،يازغۇچىنىڭ فامىلىسى « سابىر » بولۇپ، بۇ سۆز بىلەن « سەبرى» سۆزىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسى ئوخشاش ياكى يېقىن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچى كىيىنكى سۆزنى ئەدەبىي تەخەللۇس قىلىپ تاللىغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى، « سەبرى » سۆزى ئىپادىلىگەن مەنىنىڭ بىر خىل ھاياتلىق پەلسەپىسىگە ۋە مىزانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەھمىيىتىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا بۇ سۆزنى ئەدەبىي تەخەللۇس قىلىپ تاللىغان بولۇشى مۇمكىن. ھاياتتا تۈرلۈك پەلسەپىۋى قاراش ۋە مىزانلار مەۋجۇت ، قانائەت، تاقەت قىلىشنى ئاچكۆزلۈك ،نەپسانىيەتچىلىك، شەخسىيەتچىلىك خاھىشلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ئىنسان ئۈچۈن بەلگىلىك ئەخلاقى مىزانلىق رولىنى ئۆتەيدىغان قىممەت قارىشىدۇر. ئۇ نۆۋىتىدە كىشىلەرنى شەخسىيەتچىلىكتىن ساقلىنىپ ئورتاق جەمئىيەت ئەخلاقىغا بويسۇندۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ئۇ يەنە ھاياتنىڭ قىممىتى توغرىسىدىكى بىر خىل پەلسەپىۋى قاراشتۇر. 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك مۇتەپپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتاتغۇ بىلىگ » دە قانائەتنى بىر خىل ئەخلاقى مىزان سۈپىتىدە شەرھىلەپ، كىشىلەرنى ھەددىدىن زىيادە شەخسى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كەتمەسلىككە چاقىرىغان. زوردۇن سابىر ئۆزىگە « سەبرى » تەخەللۇسىنى قوللىنىش ئارقىلىق بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزگە يانداشقان . تېخىمۇ مۇھىمى شۇ خىل ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى جەمئىيەت ئەزالىرىنى كوللىكتىپچانلىق ئىدىيىسى بىلەن تەربىيلەشتىكى رېئال قىممىتىنى ئاشۇرماقچى بولغان. ئەدەبىي تەخەللۇس شۇ يازغۇچىنىڭ ئەسىرى بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ھالىتىنى ساقلىغانمۇ بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدە ئىپادىلەنگەن باش تېما دائىم ئۇ قوللانغان تەخەللۇس بىلەن ئۆز - ئارا تولۇقلاش مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ. ئىلىمىزنىڭ مەشھۇر ئەدىبى لۇشۈننىڭ فىليەتونلىرى لۇشۈن قوللانغان ئەدەبىي تەخەللۇسلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. يازغۇچى زوردۇن سابىر « ئىنساپ » ھېكايىسىدە مال دۇنيا ئۈچۈن ئىنساپنى ئۇنتۇغان ئاچكۆز ، شەخسىيەتچى ئىبراھىم ھاجىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى ساختىلىقلارنى پاش قىلىدۇ. ئىبراھىم ھاجى چەتئەلدە بىر ئۆمۈر بىللە يۈرۈپ ئۆمۈرلۈك دوست بولۇشقان دوستى ياقۇپ ھاجىنىڭ مال دۇنياسىغا قەست قىلىدۇ.ئاچكۆزلۈك بىلەن بۇ مال دۇنيالارنى قولىغا كىرگۈزۋالىدۇ.

  يازغۇچى تەسۋىرلەۋاتقان ئىبراھىم ھاجىدىمۇ مال دۇنيا يېتەرلىك ئىدى، ئۇنىڭمۇ دوستى ياقۇپ ھاجىغا ئوخشاش ھېچنىمىسى كەم ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇنىڭدا قانائەتتىن ئىبارەت مۇھىم ئەخلاقى مىزان كەم بولغاچقا، ئىبراھىم ھاجىنىڭ بەخت – سائادىتى يوققا چىقىپ، ئۇنى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ،رەزىل ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. دېمەك، زوردۇن سابىرنىڭ بۇ ئەسىرىدىكى باش تېما ئۇ قوللانغان ئەدەبىي تەخەللۇس بىلەن پۈتۈنلۈككە ئىگە ئىدى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تارىخىنى ۋاراقلىساق، ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىش ناھايتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مىلادىدىن ئىلگىرى ياشىغان شائىر قوغۇرسۇ ئۆز قەبىلىسىنىڭ نامى بولغان « ئالتۇن » نى ئۆزىگە ئەدەبىي تەخەللۇس قىلغان. كېيىنكى ئەدىبلەردىن فارابى، مەھمۇد قەشقىرى، ئەلشىر نەۋايى ، ئاماننىساخان ، قىدىرخان ،ياركەندى ، زەلىلى، موللا بىلال نازىمى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تىيىپجان ئىلىيوف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرلەرگىچە ئەدەبىي تەخەللۇس قوللىنىش داۋاملاشتى.

  دېمەك، بىر ئەدىبنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ ھايات قارىشىنى ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنى چۈشىنىشتە بەلگىلىك تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر