باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ياشلار ۋە زوردۇن سابىر

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

زوردۇن سابىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەسىرىنى ئۇنىڭ ياشلار، ستۇدېنىتلارنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىدىنمۇ كۆرۈۋالغلى بولىدۇ.
زوردۇن سابىر ئۆز ئىجادىيتىدە ياشلارنىڭ رېئال تۇرمۇش ۋە ھايات قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىجادىيەت ۋەزىپىسى قىلغان. ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپىدىلا « ئونىنچى سىنىپنى ئەمدى تۈگەتتىم » ، « كومبايىن» ،« دولان ياشلىرى » قاتارلىق ھېكايىلەرنى يېزىپ،ياشلارنىڭ ئۆگىنىشى، ئىش – ئەمگەكتە بەسلىشىشى ۋە مۇھەببەت ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت جەريانىدا ئۇ يەنە « جىگدىلەر پىچىرلايدۇ »، « ئۇنتۇمايمەن، گۈلسارە » قاتارلىق مۇنەۋۋەر ھېكايىلەرنى ، « ئارچا ياپرىقى» ، « ۋاپادارلىق » ، « سۈبھى » قاتارلىق مۇنەۋۋەر پوۋېسىتلارنى يازدى. يازغۇچى مانا مۇشۇنداق ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ياشلارنىڭ قەلب دۇنياسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ نازۇك ھېس - تۇيغۇلىرىنى ، ھايات قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ياشلارنىڭ ئەمەلىي ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىدا يولۇقتۇرغان تۈرلۈك زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى ، ئىلىم - پەن ئۆگىنىش ئارقىلىق رېئاللىقتىكى قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىش ئىرادىسىنى ھەم غايىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. نەتىجىدە يازغۇچىنىڭ ياشلار ھاياتى، ياشلار تېمىسىدىكى ئەسەرلىرى ياشلارنىڭ ھايات قارىشى ۋە توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تىكلىشىدىكى ياخشى دەرسلىك بولۇپ قالدى.
يازغۇچىنىڭ ستۇدېنتلار نەزىرىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى، ئۇ ئالغا سۈرگەن ئىدىيىنىڭ تەسىرچانلىقىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە كۆرۈلىدۇ. يازغۇچى ئۆز ئىجادىيىتىدە ياشلارنىڭ رېئال ئىزدىنىش ھاياتىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ھەم قىممەتلىك ئىلغار، توغرا ھايات قاراشلىرىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ياشلارنى ئەشۇنداق ئىلغار قاراشلار بىلەن قوراللىنىشقا ئۈندەيدۇ، يازغۇچى تەسۋىرلىگەن ئەلا ( « ئىزدىنىش» رومانى ) ، ئەسئەت ( « سۈبھى » پوۋېسىتى ) ، ئىلى ( « ئارچا ياپرىقى » پوۋېسىتى ) ، دىلدار ( « خىيال ۋە سايە » ھېكايىسى ) قاتارلىق پېرسوناژلار ئىلىم - پەن ئىگىلەپ، ۋەتەن ،خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىگە ۋە جاپالىق شارائىتلارغا باش ئەگمەي، قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتەك مۇستەھكەم غايىگە ئىگە پېرسۇناژلاردۇر. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ پېرسوناژلارنىڭ روھى ۋە ئەمەلىيىتىدە يازغۇچىنىڭ قىممەتلىك ھايات قارىشى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ خىل پېرسوناژلارنى مەلۇم مەنىدىن يازغۇچىنىڭ ئىلغار ھايات قارىشىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىلىرى دېيشكە بولىدۇ.
ياشلىق ئىزدىنىشكە، ئىنتىلىشكە باي دەۋر.ياشلار رېئاللىققا دادىل يۈزلىنىشكە ماھىر بولىدۇ. قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالغا بېسىش غايىسىگە ئىگە بولىدۇ.شوخ ،تېتىك، جۇشقۇنلۇق ياشلىقتىكى يەنە بىر مۇھىم تۇيغۇ، زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدە ياشلارنى ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىللە گەۋدىلەندۈرۈپ، ياشلارغا خاس تەبىئىي دۇنيا يارىتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەبىئىي ھەم رېئال خاراكتېرىنى يارىتىشقىمۇ ئۆزىنىڭ ئىلغار دۇنيا قارىشىنى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۇرۇپ ئىپادىلەشنىمۇ ئوخشاش ئورۇنغا قويىدۇ. شۇڭا زوردۇن سابىر قەلىمى ئاستىدىكى ياشلار ئوبرازلىرى ئوقۇملاشتۇرۇشتىن، سۈنئىيلەشتۈتۈشتىن خالى. ياشلارغا خۇددى رېئاللىقتا ئۆزلىرىگە ئوخشاشلا باتۇرلۇق بىلەن ياشاۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان، تىرىشۋاتقان ياشلاردەكلا تەسىرات بېرىدۇ.
ئەدەبىياتىمىزدا گەرچە ياشلار تېمىسى ۋە ياشلار ئوبرازى يارىتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ياشلار ھاياتىنى مۇھەببەت نوقتىسىدىنلا تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ ھايات ھەقىقەتلىرى ۋە غايە، ئارمانلار يولىدىكى ئىزدىنىش تۇيغۇلىرىنى كەڭ، چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈشكە سەل قارىلىپ كېلىۋاتاتتى. ياشلارنى قوشۇمچە پېرسوناژ سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ،ئۇلارنى چوڭلارنىڭ يېتەكلىشىگە تاپشۇرۇپ يېزىش بىر خىل ئەندىزە بولۇپ قالغانىدى. بىز زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ياشلارغا بولغان بىر خىل ئالاھىدە پوزىتسىيىسىنى بايقايمىز. يازغۇچى ئىجادىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ياشلارنى باش پىرسوناژ قىلىپ تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە يەنە ياشلارنىڭ ھاياتقا، دۇنياغا ۋە ئۆز رېئاللىقىغا بولغان مۇستەقىل پوزىتسىيسىنى ، ئىلىم - پەن يولىدا ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىنى، ھاياتتىكى مۇستەقىل تاللاشلىرىنى قىزغىن مەدھىيىلەيدۇ. ياشلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش روھىنى ئۇلۇغلايدۇ،يازغۇچىنىڭ ياشلار تېمىسىنى ئىپادىلەشتىكى بۇنداق ئىجادىيلىقى بىر تەرەپتىن ياشلار تۈرمۇشىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىدىن بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياشلارنىڭ دەۋر تەرەققىياتىدىكى رولى ۋە ئورنىنى تولۇق تونۇغانلىقىدىن بولغان.
زوردۇن سابىر ياشلار ئوبرازىنى رومانتىكىلىققا باي قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ، ئەمما بۇ رومانتىكا ئۇلارنىڭ ھايات سەپىرىدىكى مۈشكۈلاتلارنى يېڭىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىزدىنىش روھى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
زوردۇن سابىر ياشلارنىڭ ياخشى يازغۇچىسى. ئۇنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ياشلار ھاياتىنى، ياشلارنىڭ ئىلغار ئوبرازىنى يارىتىشىنى مەلۇم چوڭقۇرلۇقتىن چۈشىنىش كېرەك. ياشلارنى ئىلغار غايە،قەيسەر ئىرادە بىلەن تەربىيىلەش گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى. زوردۇن سابىر بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ بۇرچىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يازغۇچى. ئۇ ياشلارغا بولغان ئۈمىدىنى ، تىلىكىنى ئۆزى ياراتقان مۇنەۋۋەر ئوبرازلاردا ھەم بۇ ئوبرازلارنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىدى. ياشلارغا رېئاللىققا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش، ئۆز قىممىتىنى قانداق جارىي قىلدۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىلەردە دېئالىكتىكىلىق يول بىلەن ئەمەس، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ياشلارنىڭ ئىلغار ئەمەلىيتى ئارقىلىق جاۋاب بەردى ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى.
دېمەك، زوردۇن سابىر ئۆز ئىجادىيتىدە ياشلارنىڭ ھايات دۇنياسىنى ياخشى يورۇتۇپ، ئۇلارغا توغرا كىشىلىك قاراش ئاتا قىلىشتەك ئالاھىدە تۆھپىسى بىلەن زامانىمىز ياشلىرىنىڭ قەلبىدىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بۈيۈك يازغۇچى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر