باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

زوردۇن سابىرنىڭ ئىسىم قويۇش سەنئىتى

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەدەبىي ئەسەرلەردە يارىتىلغان ياكى تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى ناھايتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ مىللىي تۈس ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغاندىن باشقا يەنە يازغۇچىنىڭ مەلۇم بىر خىل بەدئىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ بىرىدىغان ئامىلغىمۇ ئىگە.

  بىز زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، يازغۇچىنىڭ يۇقۇرى بەدئىي تالانتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئاجايىپ ئىسىم قويۇش سەنئىتىنى بايقايمىز. بىرىنچى، تاشقى قىياپىتىنى ، بەلگىسىنى، سالاھىيتىنى ئىسىم قىلىش. مەسلەن: زوردۇن سابىرنىڭ « ئانا يۇرت» ، « ئابرال شاماللىرى » رومانلىرىدا ۋە « خەيرىلىك ئىش » قاتارلىق پوۋسىتلىرىدا كاتىپ، مەزىن، ھاممىسى ، شەھەرلىك ئايال، ئىگىز بويلۇق يىگىت دېگەندەك ئىسىملار ئۇچرايدۇ. يازغۇچى بۇ خىل ناملارنى ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان ئاشۇ پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى ئورنىدا قوللانغان. ئىككىنچى، يەرلىك كىشلەرنىڭ ئادەت سۆزى بويىچە ئىسىم قويۇش. مەسلەن: يازغۇچنىڭ ئەسەرلىرىدە ھېلىم جادۇ، سۇلايمان گاڭ ، قۇباق ، خىسلەتبۈۋى، ھاپىزئاخۇن دېگەندەك ئىسىملار ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئىسىملار قەشقەر، تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق رايونلاردا يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. قەشقەردىكى يەرلىك كىشلەر « ئاخۇن» ، سۆزىنى ئىسىملارغا قېتىپ ئىشلىتىشنى ئادەت قىلغان بولسا، تۇرپاندىكى كىشىلەر « گاڭ » سۆزىنى ئىسىملارغا قېتىپ ئىشلىتىشنى ئادەت قىلغان. غۇلجا رايونىدىكى كىشلەر بولسا « بۈۋى » سۆزىنى قىز - ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئاتاشنى ئادەت قىلغان. يازغۇچى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئاشۇ خىل ئادەت سۆزلىرىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان پېرسۇناژلارنى تېخىمۇ يەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشقان. ئۈچۈنچى، شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنى ئىسىم قىلىش . يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىمىن مەشچى، قەمبەر كۆنچى، دوختۇر، كوموسىيونچى،ئۆمەر ئەپەندى دېگەندەك ئىسىملار ئۇچرايدۇ.يازغۇچى ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمىنى ئۇلار شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنىڭ نامى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئاتاپ، ئىسىم قويۇشتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ياراتقان. بۇنداق ئىسىملار بىزگە شۇ پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

  تۆتىنچى ، مەنىۋى قىياپىتىنى ،خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى ئىسىم قىلىش. يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدە يەنە ئەلا، رەقىب، ئىباق تاز ، قاسقىر ئاۋىز دېگەندەك ئىسىملار ئۇچرايدۇ. يازغۇچى بۇنداق ئىسىملارنى ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان پېرسۇناژلارنىڭ مەنىۋى قىياپىتى بىلەن ئۇ بەلگىلىگەن خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قوللانغان. مەسلەن : ئەلا دېگەن ئىسىم يازغۇچىنىڭ « ئىزدىنىش» رومانىدىكى تىرىشچان، بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىدىغان باش پېرسوناژغا قويۇلغان ئىسىم . رەقىب دېگەن ئىسىم بولسا يەنە شۇ روماندىكى ئىچى يامان، ھەسەتخۇر شۇنىڭدەك باش پېرسۇناژ ئەلا بىلەن مەنىۋى دۇنياسى قارىمۇ قارشى بولغان سەلبىي پېرسۇناژنىڭ نامى قىلىپ قويۇلغان.

  بەشىنچى ، رېئال تۇرمۇشتىكى ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئەينەن ئېلىپ ئاتاش. ئەدەبىياتتا ئوبراز يارىتىش بەدىئىي توقۇلمىدىن ئايرىلالمىسىمۇ، ئەمما ئوبرازنى رېئال تۇرمۇشقا قانچە يېقىن قىلىپ تەسۋىرلەش شۇنچە قىممەتلىك ئىجادىيەت ئىستىلى ھېسابلىنىدۇ. زوردۇن سابىر ئۆز ئەسەرلىرىدە رېئاللىقتىكى مەۋجۇت ئادەملەرنى جانلىق تەسۋىرلەشكىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قارىغان. ھەتتا بۇ خىل ھالەتنى ئۆز ئىجادىيىتىدىكى بىر ئالاھىدىلىك قىلغان. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈركىيىلىك يازغۇچى ئورخان پامۇقمۇ ئۆز ئىجادىيىتىدە مەۋجۇت ئادەملەرنى ئۆز ئىسمى بويىچە ئەينەن تەسۋىرلەپ قويىدىكەن. زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن سەيپى، زۇلىيا دېگەن پېرسوناژلار زوردۇن سابىر ياشىغان مەھەللە - يۇرتلاردا ئەينى يىللاردا ئىشلەپچىقىرىش - ئەمگەك ئىلغارى بولۇپ كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەر ئىدى. يازغۇچى بۇ شەخىسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقاندا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەينەن قوللانغان. « ئىزدىنىش» رومانىدىمۇ يازغۇچى ئۆزىنىڭ بەزى دوستلىرىنىڭ ئىسمىنى ئەينەن قوللانغان. مەن يازغۇچىنىڭ بۇ خىل تەسۋىرلىشى توغرىسىدا يازغۇچىدىن سورىغىنىمدا يازغۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ « تۇرمۇشقا چاقچاق قىلىپ قويىمەن» دەپلا جاۋاب بەرگەن ئىدى.

  زوردۇن سابىرنىڭ پېرسۇناژلارغا ئىسىم قويۇش سەنئىتىنى يەنە تارىخىۋىلىك، دەۋر ئالاھىدىلىكى، مىللىي پىسخىكا دېگەندەك تەرەپلەردىنمۇ ئىزدىنىپ بېقىشقا بولىدۇ. مەيلى ئاساسىي پېرسوناژلار بولسۇن مەيلى قوشۇمچە پېرسوناژلار بولسۇن، يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدا بىزگە خۇددى ئىسمى بىلەن خاراكتېرى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بەزى پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ خاراكتېرى بىلەن تەڭ مەڭگۈ ئېسىمىزدە ساقلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر