باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

زوردۇن سابىر ۋە ئەدەبىي ئېقىم

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيىتى رېئالىزىملىق ئىجادىيەتكە مەنسۇپ بولسىمۇ، ئەمما يازغۇچى باشقا خىلدىكى ئىجادىيەت ئۇسۇل ۋە ئېقىملار بىلەن ناھايىتى پىششىق تونۇش ئىدى. دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ھەرخىل ئەدەبىي ئېقىملار ۋە بۇ ئېقىملارنىڭ نەزەرىيۋى قاراشلىرى، ۋەكىللىك يازغۇچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا مۇكەممەل ھەم چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئىدى. زوردۇن سابىر ئىجادىيتىنىڭ ئەدەبىي ئېقىملار بىەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى گەۋدىلىك ئامىللارنىڭ بىرسى شۇكى ، يازغۇچى ئۆزى ۋارسلىق قىلغان ھەم قوبۇل قىلغان رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇردى ، شۇنداقلا بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە راۋاجلاندۇردى، تەرەققى قىلدۇردى. لېكىن ھېچقانداق بىر خىل ئەدەبىي ئېقمنى چەتكە قاقمىدى.بۇنداق ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى تونۇدى. 1998 - يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى « ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىي ئىجادىيەت سۆھبەت يىغىنىدا يازغۇچى ئەدەبىي ئېقىملار توغرىسىدا توختىلىپ : « ھازىر دۇنيادا 116 خىل ئەدەبىي ئېقىم بار،لېكىن ئۇلار 10 غا يىغىنچاقلاندى. قايسى خىل ئۇسۇلنى تاللىساڭلار بولىۋىرىدۇ .يازغۇچى غەيرەت ئاسىم ئاڭ ئېقىمى بىلەن قەلەم تەۋرىتىۋاتقاندەك قىلىدۇ،نەتجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بۇ بىر يېڭىلىق» دېگەنىدى. مانا بۇ بايانلاردىنمۇ يازغۇچنىڭ ئەدەبىي ئېقىملار توغرسىدىكى تونۇشىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە يازغۇچى دۇنيادىكى شۇنچە كۆپ ئەدەبى ئېقىملارنى پىششىق بىلسىمۇ،لېكىن ئۇ ئۆزىنى ھەر ۋاقىت رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچى ھېسابلاپ كەلگەن ھەم ئۆز ئىجادىيىتىدە رېئالىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىدىن بولغان « ئىنسان كومېدىيسى» ، « ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق »، « تۈن يانغاندا » ،« ئائىلە » ،« تېنچ دون »، «AQ نىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئۈلگە قىلىپ كەلگەن.

  زوردۇن سابىر يەنە رېئالىزىملىق ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىجادىيىتى ئارقىلىق بېيىتتى، راۋاجلاندۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ « ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش» قاتارلىق ماقالىلىرىدە رېئاللىققا سادىق بولۇش، رېئال تۇرمۇشقا چۆكۈپ، تۇرمۇشنى پۇخـتا ئىگىلەش قاتارلىق ھالقىلىق ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە قانداق ئىشقا ئاشۇرغانلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ خىل پرىنسىپلارنى جانلىق راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت قارىشىمۇ رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ھەممە ئەسەرلىرى دېگۈدەك رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، تىپىكلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان. تەسۋىرلىگەن پېرسۇناژلىرىمۇ ھەم شۇنداق. ئۇندىن باشقا بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان ياكى يېزىلمىغانلىقىغا باھا بېرىشتىمۇ زوردۇن سابىر ئالدى بىلەن شۇ ئەسەرنىڭ رېئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يېقىنلىقىغا قارىغان ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ مەيلى ئىجادىيەت تەجرىبىسى ۋە ئىجادىيەت قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماقالىلىرىدە بولسۇن ياكى ئىجادىيەت توغرىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا بولسۇن، بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيتتى ،يازغۇچىلارغا ئەڭ ئاۋۋال رېئالىزىمچى بولۇش تەلىپىنى قوياتتى.

  زوردۇن سابىر ئىجادىيىتىنىڭ ئەدەبىي ئېقىملار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر تەرەپ،يازغۇچىنىڭ باشقا ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىشنى چەتكە قاقمىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.

  زوردۇن سابىر ئۆزىگە خاس ئەدەبىيات قارىشىغا ئىگە يازغۇچى. رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مېتودى ئۇنىڭ ئەدەبىيات قارىشىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما ئۇ كۆپ خىل ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ بىللە مەۋجۇد بولۇشىنى ۋە بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى نورمال ھادىسە دەپ تونۇيدۇ. بىز يازغۇچىنىڭ « مەن بېسىپ كېلىۋاتقان مۇساپە ۋە ئىزدىنىش » ناملىق ماقالىسىدىن يازغۇچىنىڭ « ئىزدىنىش » رومانىدىكى پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى يارىتىش جەريانىدا مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى سارتىرىنىڭ ئەدەبىيات قاراشلىرىدىن شۇنداقلا ئىرادىچىلىك ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى شوپىن خوئىرنىڭ قاراشلىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە قوبۇل قىلغانلىقىدەك پاكىتلارنى يولۇقتۇرىمىز. دېمەك، زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئېقىملارغا بېكىنمىچىلىك نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئېچىۋېتىلگەن نۇقتىدىن، تەرەققىيات نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر