باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزدا زوردۇن سابىر يىلى

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوبزۇرچىلار تەرىپىدىن بۆگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بايراقدار يازغۇچى دەپ تەرىپلەنگەن يازغۇچى زوردۇن سابىر 1937-يىلى دۇنياغا كەلگەن. 1998-يىلى 61 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. 2007-يىلى بۇ شۆھرەتلىك يازغۇچىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ دەل 70 يىللىق خاتىرە يىلى. ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزدا مۇشۇ مۇناسۋەت بىلەن بۇ يازغۇچى تۇغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەر، مۇلاھىزىلەر بۇ يىل ئەڭ كۆپ ئېلىپ بىرىلدى. شۇنداقلا 2007-يىللىق تەتقىقاتلاردا ئاساسى سالماقنى ئېگىلدى. زوردۇن سابىر ھەققىدىكى 2007-يىللىق تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەر ئاساسلىقى «تارىم» ، «ئىلى دەرياسى»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ژورناللار بىلەن «ئىلى گېزىتى »، «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا ئېلىپ بېرىلدى. «تارىم» ژورنىلىدا « زوردۇن سابىر قانداق يازغۇچى » ، «زوردۇن سابىر قاغىلىقتا » ناملىق ئەسلىمە - ماقالىلەر بېرىلدى، « ئىلى دەرياسى » ژورنىلىدا « زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى» ناملىق ماقالە بېرىلدى، « يىڭى قاشتىشى » ژورنىلىدا « مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئۈرۈمچى ۋە زوردۇن سابىر » ناملىق ئەسلىمە بېرىلدى، « ئاسىيا كىندىكى » گېزىتى ۋە « ئىلى گېزىتى » ، « شىنجاڭ گېزىتى» ، « ئىلى كەچلىك گېزىتى » ، « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلى قاتارلىق مەتبوئاتلاردا بۇ يىلنىڭ كىرىشى بىلەنلا « زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىكى ئىلمىي قىممەت، « زوردۇن سابىرغا بېرىلگەن تەرىپلەر» ،« زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىگە بېرىلگەن تەرىپلەر »، « '' ئىزدىنش '' رومانى ۋە فىلولوگىيەلىك روھ » ، « ئابرال شاماللىرى رومانىنىڭ بەدئىي قىممىتى » ، « ئىزدىنىش رومانى ۋە زوردۇن سابىر » ، « زوردۇن سابىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھېكايسى '' كەنجى ئوغۇل '' توغرىسىدا » ، « زوردۇن سابىر تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشى ۋە قىممىتى » ، « زوردۇن سابىرنىڭ پىرۇزا ئىجادىيىتىىدىكى ئۈچ باسقۇچ » ، « بالزاك ۋە زوردۇن سابىر» ، « روس ئەدەبىياتى ۋە زوردۇن سابىر » ، « زوردۇن سابىر ئىجادىيەت ۋە ئەدەبى تەنقىد ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ » ، « قىممەتلىك يالداما » ، « دادامنىڭ زوردۇن سابىر ھەققىدە ئېيتقانلىرى ۋە باشقىلار » قاتارلىق جەمئىي 20 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ۋە ئەسىرى ئىلان قىلىندى. ئۇندىن باشقا يەنە زوردۇن سابىرنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ كاتولىگى تۈزۈپ چىقىلدى، زوردۇن سابىر ۋە ئۇ ھەقتە يېزىلغان بارلىق ماقالە ، ئوبزور، ئەسلىمىلەر ، مەرسىيەلەرنىڭ جەمئىي 115 پارچە تېزىملىكى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇلدى.

  يۇقارقىدەك نەتىجىلەردىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى ، 2007- يىلىدا ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىز زوردۇن سابىردىن ئىبارەت مۇشۇ بىر يازغۇچى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يەنە باشقا يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات ھادىسىلىرى ئۈستىدىمۇ داۋاملىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. دېمەك بۇ جەريانىدا ، خاس تەتقىقاتمۇ بولدى، ئومۇمىي ئەدەبىيات تەتقىقاتىمۇ داۋاملاشتى.

  ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزدا يازغۇچىلار ئۈستىدىكى خاس تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. زوردۇن سابىر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ئەنە شۇ زۆرۈرىيەتنىڭ مەھسۇلى بولدى. لېكىن بىزدە يازغۇچىشۇناسلىقنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولمىغاچقا بۇنداق تەتقىقاتلار ھامان يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالمايدۇ. مۇھىمى دادىل بولۇپ، تەتقىقاتنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇشتا، بىزنىڭ كىتابخانلىرىمىزدا بىرەر يازغۇچى ئۈستىدە كۆپرەك تەتقىقات ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلسا، بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىش، گاڭگىراش ھادىسى ھازىرمۇ بار. چۈنكى بىزنىڭ كىتابخانلىرىمىز بىر يازغۇچى ھەققىدە بىر پارچە ماقالىدە، ھەممىنى دەۋىتىدىغان تەتقىقاتقا كۆنۇپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىز يازغۇچىلار ئۈستىدىكى خاس تەتقىقات ھەم مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى كۆپ ئېلىپ بېرىپ، كىتابخانلىرىمىزنى يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  2007-يىلىنىڭ زوردۇن سابىريىلى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكى بىزنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزنىڭ رەسمى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولدى، پىشىپ يېتىلىشكە باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى، چۈنكى بىزدە بۇنىڭدىن بۇرۇن يازغۇچىلارنىڭ خاتىرە يىلىدا شۇ يازغۇچى ھەققىدە مۇھاكىمە – ئىزدىنىشلەر ئۇنچە كۆپ ئېلىپ بېرىلمىغان. كىتابخانلىرىمىزنىڭ شۇ يازغۇچىغا نىسبەتەن، دېققەت - ئىتىبارىمۇ ئۇنچە كۈچلۈك بولۇپ باقمىغان ئىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يازغۇچى - ئىجادىيەتچىلىرىمىزنىڭ ئۆمۈر تارىخى ھەم ئىجادىيەت مۇساپىسى توغرىسىدا، ئىجادىيەت قارىشى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغان ئەدەبىياتشۇناسلىق پىنىمىزنىڭ ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ل . مۇتەللىپ ، تىيىپجان ئىليوپ قاتارلىقلار باشلىغان ھەم ئۇل سالغان ئەدەبىياتشۇناسلىق پىنىمىز تالاي يىللاردىن بېرى ئوبزورچىلىق شەكلىدە داۋاملاشتى، ئىجادىيەتتىكى نەزەرىيىۋى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ھەم ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش يىتەرسىز بولدى، نەتىجىدە ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ۋە نەتىجىلىرى ئۈستىدە ۋاقتىدا مۇھاكىمە يۇرگۈزۇش تولۇق بولماي كەلدى. بۇ قىتىمقى زوردۇن سابىر ئۈستىدىكى ئىزدىنىش - تەتقىقاتلار ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش رولىنى ئوينىدى، كىتابخانىلارغا، ئىجادىيەت ئىشلىرىمىزغا ھەم ئەدەبىياتشۇناسلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى تونۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر