باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

زوردۇن سابىرنى ئەسلەيمەن

جاۋگۇاڭمىڭ

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىنىڭ زوردۇن سابىر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىرگە بولغان ۋاقتىم تاغ باغرى بولغان شۈيشىگۇدىكى شىنجاڭ ئىكككىنچى ئىشچىلار ساناتۇرىيىسىدە ئېچىلغان كەسپى يازغۇچىلارنىڭ يىللىق يىغىنى مەزگىلى بولدى. يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان كەسپى يازغۇچىلار خىزمىتى يىغىنى پۇل بولمىغانلىقتىن ئېچىلمىغىلى ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان ئىدى. بىز ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا يېرىم كۈن ئېچىپلا بولدى قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشنى زوردۇن سابىرغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماقچى بولدۇم،چۈنكى زوردۇن سابىر جەمئىيىتىمىزدە كەسپى يازغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس ئىدى. مەن زوردۇنغا تېلفون قىلدىم، ئۇ بىر ئاز تۇرىۋالغاندىن كېيىن :

  ـ كۆپچىلىك كۆپ جاپا تارتىۋاتىدۇ، باشقا ئىدارىلەر ھەتتا يىلىغا بىر نەچچە قېتىم تاققا چىقىۋاتىدۇ، مېنىڭ پىكرىم يېغىننى تاغدا ئاچايلى، پۇل يەتمىسە مەن بىر ئامالىنى قىلاي.-دېدى.

  زوردۇن سابىر ھەقىقەتەن ئېپى بار ئادەم ئىدى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىز ئورۇنلاشتۇرغان بىر نەچچە قېتىملىق پائالىيتىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇياق-بۇياققا چېپىپ قالغان-قاتقىنىنى ھەل قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزىلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى كەسپى يازغۇچىلار خىزمەت يىغىنىمىزمۇ ئۇنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ پۇل غەملىشى بىلەن ئاخىرى ئىككىنچى ئىشچىلار ساناتۇرىيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئىككى كۈن ئېچىلىپ كۆپچىلىك تاغ ھاۋاسىدىن قانغىچە نەپەسلىنىشتى.

  يىغىندا زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەت ئەھۋالىنى سۆزلەپ، زور ھەجىمدىكى ‹‹ئانا يۇرت›› ناملىق رومانىنىڭ ئاخىرلىشىپ بولاي دەپ قالغانلىقىنى، نەشىرىياتنىڭ ‹‹ زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى توپلىمى›› نى نەشىر قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە ‹‹ئانا يۇرت›› نى نەشىرىياتقا تاپشۇرۇپ بولسام دەم ئالايمىكىن دەيمەن، سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، چارچاپ كەتتىم، ئەمدى قەلەمنى توختىتايمىكىن دەيمەن....›› دېگەنلەرنى قوشۇپ قويدى. بىراق كىيىنكى يىللىق ئىجادىيەت پىلانى ھەققىدە سۆز بولىۋىدى، ئۇ بايىقى دېگەنلىرىنى ئۇنتۇپ يېقىندا يۇرتى غۇلىجىغا بارغاندا ئاجايىپ بىر تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇ ھەقتە بىر پوۋىسىت ياكى رومان يېزىش ئويىغا كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ كەتتى، كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ‹‹سىز دەم ئالماقچى ئىدىڭىزغۇ؟ يەنە مۇھەببەتنى ئويلاپ قاپسىزغۇ؟›› دېۋىدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ ‹‹بۇ ھېكاينى يازمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، قارىغاندا مېنىڭ يۈرۈكۈم تېخى ياش ئوخشايدۇ.›› دېدى. كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇ يەنە ئالدىغا قۇيۇپ قۇيۇلغان قىمىزدىن كۆپچىلىككە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇيۇپ ئۇلارنى كۆپرەك ئىچىشكە دەۋەت قىلپ تۇراتتى، ئۇ بىر تەرەپتىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنە شۇداق خىزمەتكارلىق قىلىۋاتاتتى.

  يېغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى ساناتۇرىيەنىڭ ئارقىسىدىكى سۇ بويىغا جايلاشقان چېدىردا پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كۆپچىلىك ئەركىن ئازادە مۇڭدىشىپ ، ئۆز-ئارا ئىجادىيەت تەجىربىلىرىنى ئالماشتۇرۇشتى، ئۇسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئېچشتى،بىراق دائىم خوشال يۈرىدىغان زوردۇن سابىر بۈگۈن باشقىچە جىمغۇر كۆرۈنەتتى. مەن ئۇنىڭ جىمجىتلىقتا يالغۇز تۇرغانلىقىنى، ئالدىدىكى تاققا تىكىلگىنچە قاراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىر نەچچە قېتىم بايقاپ قالدىم. مانا بۇ زوردۇن سابىرنىڭ مەندە قالغان ئەڭ ئاخىرقى سىمايىسى، شۇنداقلا مەندە قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈنىشى بولۇپ قالدى.

  ئۇ ئاشۇ تىىلگىنىچە نېمىلەرنى ئويلىغان بولغىيتتى، ئۇنىڭ ئاشۇ قارىشىدا تەبىئەت ۋە ئىنسانلار دۇنياسىغا بولغان ئاخىرقى قېتىملىق سۆيگۈسى قېلىپ قالغانمۇ؟ شۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئۆتمەي زوردۇن سابىر ئالەمدىن ئۆتتى.ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن ئاشۇ كۈنى مەن يىراق بىر شەھەردە خىزمەتتە ئىدىم. تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا تېلفونۇم سايراپ مېنى ئويغۇتىۋەتتى، تېلفون يازغۇچىلار جىمئىيىتىمىزنىڭ كاتىۋىدىن كەلگەن بۇلۇپ ئۇ ماڭا زوردۇن سابىرنىڭ ئاغرىقىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ تېز قايتىپ كېلىشىمنى ئۇقتۇردى. مەن قايتىپ كەلگەندە ئۇ ئاللىقاچان نەپەستىن توختاپ بولغان ئىكەن. مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى كۆرىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماي پەقەت ئۇنىڭ مېيتىنى ئۇزۇتۇشقا ئاران ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئىدىم. قارىسام كىشىلەر ئۇنىڭ مېيتىنى ئائىلىكلەر قوروسىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ مەستچىت تەرەپكە ئېلىپ مېڭىشقان ئىكەن. مەن كىشىلەر قاتارىدا ئۇنىڭ مېيتىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ئىلاجىسىز بولغان ھالدا بىر چەتتە قدراپ تۇردۇم، يىراقلاپ كىتىۋاتقان مېيىتقا قاراپ تۇرغىنىمدا كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى. بۇ مىنۇت-دەقىقىلەردە ماڭا شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى، مەن شۇ تاپتا بىر قىممەتلىك ئۇيغۇر يازغۇچى دوستۇمدىن، بىر كۈيۈمچان رەھبىرىمدىن ئايرىلىپ، قېلىۋاتاتتىم. ۋادارىخا، ئۇ كەتتى، ئۇ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغانغا كەتتى!ئادەم ھامان ئۆلىدۇ، بىراق زوردۇن سابىرنىڭ ئارىمىزدىن كېتىشى مېنىڭ كۆڭلۈمنى تولىمۇ يېرىم قىلدى. بۇ بەلكىم بىزنىڭ كەسىپداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بولسا كېرەك. بىز كەسىپداش بۇلۇش، بىللە خىزمەت قىلىش جەريانلىرىدا ئۆز-ئارا ئەپۇ قىلىشپ ھەم ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشپ ئۆتكەن ئىرىق، ئۇنىڭ ياشلىق مەزگىللىرىدىلا باشلانغان ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى ۋە مول ئىجادىي ئەسەرلىرى ماڭا تونۇش بولسىمۇ، ئەمما تىل قىيىنچىلىقى تۈپەيلى مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ كېتەلمىدىم، پەقەت خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىرى بىلەنلا تونۇشقاشقا تا بۈگۈنگىچە بۇ يازغۇچىنىڭ چوڭقۇر ھەم كەڭ بولغان روھىيەت ئالىمىگە ۋە ئەدەبىيات دۇنياسىغا چۇڭقۇرلاپ كىرەلمىدىم، شۇڭا مېنىڭ ئۇنتۇمايدىغىنىم ئۇنىڭ ئادەملەردە قالدۇرغان يېقىملىق تۇيغۇسى ۋە مۇلايىم تەبەسسۇمى، سەمىمىيلىكى، ئاقكۆڭۈللۈكى شۇنىڭدەك يەنە يالغان ئارلاشمىغان كۈلكىسىدۇر. يېقىن دوستۇم ۋە رەھبىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۇنىڭ نۇرلۇق ھەم ئىللىق تەبەسسۇم چىرايىنى ئەمدى كۆرەلمەسلىك مەندە ھەقىقەتەن بوران-چاپقۇنلار ھايات دەرىخىمنى ئۈششۈتۈپ ئۆتكەندەك سوغوق سېزىملەرنى پەيدا قىلدى. بۇ دۇنيادا ئەنە شۇنداق ئىللىق چىراينى كۆپرەك كۆرۈشنى ئارزۇ قىلمايدىغان كىم بار، دەيسىز؟مەن زوردۇن سابىر بىلەن ئون يىلنىڭ ئالدىدا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىلار توختام ئىمزالاش يىغىنىدا تونۇشقان ئىدىم. ئۇ چاغدا مەن شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىسات ئىنىستىتۇتىدىكى ئەمەلدارلىق ئورنۇمدىن ۋاز كېچىپ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە كەسپى يازغۇچى بۇلۇپ كەلگەن ئىدىم. كۆڭلۈم دىلغۇللۇق ئىچىدە ئىدى. توختام ئىمزالىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن زوردۇن سابىر ئالايىتەن ئالدىمغا كېلىپ قولۇمنى قىزغىنلىق بىلەن قىسىپ تۇرۇپ ‹‹ ياخشى ئىشلەڭ ئىنىم!، سىز ئەمەلدار بۇلۇشنى خالىماي يازغۇچى بۇلۇشنى تاللاپسىز، مەن سىزگە قايىل بولدۇم، سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم. ››دېدى. ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ‹‹ مەنمۇ تىرىشاي، بىز ياخشى ئىشلەيلى! ›› دېدى. بۇ گەپ بىلەن مېنىڭ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشكەندەك، يەلكەمدىكى بىر تاغنى ئېلىۋەتكەندەك بۇلۇپ، ئۆز-ئۆزەمگە ئىشەنچىممۇ ئاشقاندەك بولدى، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ دوستلىغىمىز باشلاندى، ئون يىل جەريانىدا ماڭا قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ چىراي ھەر دائىم مېنىڭ كۆز ئالدىمدا پەيدا بۇلۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ خاپا بولغىنىنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئۇ مەيلى تۇرمۇش ئۆگۈنۈش ئۈچۈن باشقا جايلاردا يۈرگەندە بولسۇن، بىز كۆرۈشۈپلا قالساق، ئۇ ئالدى بىلەن يىراقتىنلا قوللىرىنى سوزۇپ ئامانلىشىپ كېتەتتۇق، ئۇنىڭ ئەينەك تاقىغان كۆز ئەينىكى بىلەن سىياھتەك بۇرتى كۈلگەندە كىشىگە خۇددى باھاردەك تۇيغۇ بېرەتتى. بىر قېتىم يىغىندا ئولتۇرۇپ مەن ئۇنىڭ كۆز ئەينىكى بىلەن بۇرتىنى مۇبالىغە قىلىپ بىر پارچە رەسىمنى سېزىپ چىقىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئىدىم، ئۇ كۆرۈپ ‹‹ پاھ، مەن مۇشۇنداق سەت، كۆرۈسىز ئادەمما؟ ›› دەپ كۈلدى. ئۇ ياشلىق مەزگىللىرىدە ئۆزىنىڭ قاملاشقان يىگىت ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەچ رەسىمنى ئاۋايلاپ يانچۇقىغا سالدى ۋە ‹‹مەن بۇنى خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قوياي، ياخشىى سىزىلىپتۇ، يولداش زوردۇن سابىر دەل مۇشۇنداق! ›› دېدى.بىر نەچچە يىل ئۆتتى. يازغۇچىلار قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ مەن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بۇلۇپ سايلاندىم. ئۇ مېنى تەبرىكلىگەچ مۈرەمگە قېقىپ تۇرۇپ ‹‹ مەن سىزنى قوللايمەن، بىز ئوبدان ھەمكارلىشىپ ئىشلەيلى! ›› دېدى. ئۇ يەنە بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن سىزغان ھېلىقى رەسىمنىڭ گېپىنى قىلىپ ‹‹ سىز سىزغان ھېلىقى رەسىم ئىسىڭىزدىمۇ؟ مەن ئۇنى ھازىرمۇ ساقلاۋاتىمەن، كەلگۈسىدە بىرەر كىتابىمغا ئىشلىتىپ قالارمەن تېخى، ئادەتتىكى رەسىمىمگە قارىغاندا ئەھمىيىتى زور ئۇنىڭ ....›› دېدى.

  رەسىم تېخى بېسىلمايلا ئۇ ئارىمىزدىن تۇيۇقسىز كەتتى، ئۇ تېخى ئاتمىش بىر ياشتا ئىدى، يازغۇچىغا نىسبەتەن بۇ ئۇنىڭ مول ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى يارىتىدىغان مەزگىللىرى ئىدى، ئۇ راستىنلا ۋاقىتسىز كەتتى.

  شۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ ئۇنتۇلماس ئادەم توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىشنى ئىزچىل ئويلاپ كەلدىم. ئۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان يازغۇچى ئىدى، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش بىلەن ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، كەمتەر ئادەم ئىدى. ئۇ شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات غەزىنىسىگە مول ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ قىممەتلىك تۆھپە قوشتى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى تېخى خەنزۇ تىلىغىا تەرجىمە قىلىنمىغاچقا تا بۈگۈنگىچە خەنزۇ كىتابخانلار بۇلۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىتابخانلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ئاز ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىياتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن ئاللىقاچان ئىلىمىزنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچىلار سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى. بىراق تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىتابخانىلارغا تونۇشتۇرۇش، بىلدۈرۈش چەكلىمىگە ئىگە بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. 50-60-يىللاردا جوڭگۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىنى چولپان بۇلۇپ نۇرلاندۇرغان يازغۇچى، شائىرلاردىن تېيىپچان ئىليوپ، ئابدۇكېرەم خوجايۇپ، قاتارلىقلار ۋاڭ يىجى، چى گۈەنجۇڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرىشى بىلەنلا دۇنياغا يۈزلىنەلىگەن ئىدى، بىراق زوردۇن سابىر، جۇمابايغا ئوخشاش يازغۇچىلار بۇنداق تەلەيگە مۇيەسسەر بولالمىدى، بەزى تەرجىمانلار ئالەمدىن ئۆتتى، بەزىلىرى ياشىنىپ قالدى. تەرجىمە ئىشى ئىجادىيەت ئىشىدىنمۇ بەكرەك جاپالىق ئىش، پۇل-مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرىشى ئالدىدا باشقىلار ئۈچۈن ‹‹ ئەلچى ›› بۇلۇپ بېرىدىغان بۇنداق جاپالىق ئىشنى كىممۇ ئۆزلىكىدىن رازى بۇلۇپ قىلىدۇ دەيسىز؟ زوردۇن سابىر ھايات چېغىدا ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرلىنىشىغا دائىم كۆڭۈل بۆلەتتى، مېنى ئىزدەپ كىلىپ بۇ ھەقتە پاراڭلىشاتتى. بىز ۋاڭ يىجى ئاقساقالنى بېيجىڭدىن قايتۇرۇپ كېلىپ تەرجىمە ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقچى بولغان بولساقمۇ ئاخىرىسىدا ئىقتىسات مەسىلسىنى ھەل قىلالماي، بۇ پىلانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالماي قالغان ئىدۇق. مەن شۇلارنى ئويلىغىنىمدا، زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان غەملىرىنى ۋە بۇ يولدىكى ئۈمۈتسىزلەنگەنلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالالمايمەن. مەن ھامان بىر كۈنى ئىككى تىلغا پىششىق، جىگەرلىك بىرەيلەننىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ، زوردۇن سابىرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئارزۇسىنى رېئللىققا ئايلاندۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەن يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، تەرجىمىدىكى بۇ خىل سۇسلىشىش چوقۇم ئۆتۈپ كىتىدۇ. چى گۈەنجوڭ، ۋاڭ يىجىلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلار ھامان چىقىدۇ!

  زوردۇن سابىرنىڭ بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ كەتكىنى پەقەت ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىلا ئەمەس، ئۇ يەنە سەمىمىيلىكنىڭ، قىزغىنلىقنىڭ، كىشىلەرگە دوستانە مۇئامىلىدە بۇلۇشنىڭ ئۈلگىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئەتراپتىكى ئادەملەر باشتىن-ئاخىر قېرىنداشلارچە، مېھرىبانلارچە پوزىتسىيە تۇتۇپ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ مىللەت ئايرىماي، يۇرت ئايرىماي، ئورۇن-مەرتىۋە ئايرىماي مۇئامىلە قىلاتتى، مەيلى قەيەردىن كەلگەن ئادەم بولسۇن ئۇ ئوخشاش قارايتتى، ئوخشاش ھۆرمەت قىلاتتى. كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدا بۇنداق قىلىش ئىنتايىن قىممەتلىك ئىسىل پوزىتسىيە ئىدى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز دائىم كىشىلەر ئوتتۇرسىدا ھەر خىل سوغوقچىلىقلارنى، ئازارچىلىقلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇنداق ئازارچىلىقلار ھەتتا ئۇرۇش-جېدەللەرگىمۇ ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنداق ئىشلار ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ياشاش مۇھىتىغا ئېغىر بۇلغۇنۇشلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. بىز ئىتتىپاقلىقنى سۆيىشىمىز، ئۆز-ئارا كۆيۈنىشىمىز، دوستانە ياشىشىمىز كېرەك. زوردۇن سابىر ئارىمىزدىن كەتتى. مەن ئىشىنىمەنكى، يۇقارقىلارمۇ ئۇنىڭ گۈزەل ئارزۇسى ئىدى.زوردۇن سابىر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي مەن ئىككى قېتىملىق ئەدەبى يىغىلىشقا قاتناشتىم، بىرسى شەنزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەيچىڭ شئېرىيەت مۇزىيىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى، مەن مۇراسىمدا شائىر شىخېغا زوردۇن سابىر ھەققىدىكى شۇم خەۋەرنى يەتكۈزۋىدىم، ئۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ تاماققا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ‹‹ زوردۇن سابىر! زوردۇن سابىر! ›› دەپ چاقىردى. ئەتراپتىكىلەرمۇ شىخېغا ئوخشاشلا قايغۇردى. يەنە بىرسى ‹‹ شىنجاڭ سەنئىتى ›› ژورنىلى ئۆتكۈزگەن پائالىيەت. پائالىيەتتە خەنزۇ، ئۇيغۇر يولداشلارنىڭ ھەممسى بار ئىدى، پائالىيەت ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناشلار بىلەن ئەۋجىگە چىقتى، كۆپچىلىك كۈلكە، چاخچاق بىلەن ئىنتايىن ئىتتىپاق، دوستانە كەيپىياتقا چۆمدى، كۆپچىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئويناشتى. ‹‹ ئىتتىپاقلىق دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ›› دېيىشىپ ھاياجانلاندى.ئىككى قېتىملىق پائالىيەت مېنىڭ زوردۇن سابىرغا بولغان سېغىنىشىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. (ئەكبەر قادىر تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر