باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

لۈشۈن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا قانداق مۇئامىلە قىلغان

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ پارىڭى بولسىلا، كىشىلەر دائىم جوڭگۇدىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ئەدىبلەرنىڭ چىقمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. بەزىلەر يەنە ئىلگىرى داڭلىق ئەدىب لۈشۈننىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئۇنداقتا، ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق؟ بىزگە مەلۇمكى، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى دۇنياۋى خاراكتىرلىك ئەڭ كاتتا مۇكاپات. نوبىل ۋاپات بولۇشتىن بىريىل ئىلگىرى يەنى 1895-يىلى بىر پارچە ۋەسىيەتنامە يېزىپ ئۆزىنىڭ ئىلمىي كەشپىيات جەريانىدا يىغقان پۇللىرىدىن بىر قىسمىنى تۇغقانلىرىغا بۆلۈپ بېرىشنى، قالغان زور قىسمىنى مۇكاپات قىلىپ تەسىس قىلىشنى تاپىلىغان. نوبىل ۋەسىيەتنامىسىدە بۇ پۇلنى ئېقتىسادنى بىلىدىغان كىشىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشنى، ياكى بولمىسا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشتىن كىرگەن كىرىمنى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىشنى ئېيتقان. ۋەسىيەتنامىگە ئاساسەن مۇكاپاتقا ئاجرىتىلغان پۇل ئوتتۇز بىر مىليون شىۋىتسىيە كىرونى بولغان.(بۇ پۇل بۈگۈنكى كۈندىكى تەخمىنەن بىر مىليارد ئالتە يۈز ئوتتۇز مىليون شىۋىتسىيە كىرونىغا تەڭ بولىدىكەن). 1896-يىلى نوبىل ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەنە شۇ پۇلنىڭ كىرىمى مۇكاپات قىلىنىپ 1901-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ.

  نوبىل مۇكاپاتى تارقىتىلىپ كېلىنىۋاتقان 100يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىچىدە، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەدىبلەرنىڭ ئىچىدە بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلمىغان ئەدىبتىن ئىككىسى بولغان. بىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى پاستىرناك. پاستىرناك 1958-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشنى رەت قىلمىغان. ئەمما، شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە بېرىپ مۇكاپاتنى ئالمىغان. يەنە بىرى، فىرانسىيىلىك سارتىرى. ئۇ 1964-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشنى رەت قىلغان.

  يۇقارقى ئىككى ئەدىب بىلەن سېلىشتۇرغاندا، لۈشۈننىڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئوخشىمايدۇ. لۈشۈن ئىزچىل نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئىقتىدار ھەم نەتىجە ئاساسىدىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇكاپات دەپ قاراپ كەلگەن. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن تېخى يىراق دەپ قارىغان. شۇڭا لۈشۈننىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلىش جەريانى كەمتەرلىك ھەم كىچىك پېئىللىقنى چىقىش قىلغان پوزىتسىيە بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇنى ھەرگىزمۇ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى رەت قىلغانلىق دېگىلى بولمايدۇ.

  شىۋىتسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن (1865~1952) ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جوڭگۇدا كۆپ قېتىم ئېكىسپىدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان مەشھۇر كىشى. ئۇ 1893-يىلىدىن 1927-يىلىغىچە جەمئىي تۆت قېتىم جوڭگۇغا كېلىپ ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بولغان. 1927-يىلى سىۋېن ھېدىن گىرمانىيە ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ بېرلىن-بېيجىڭ-شاڭخەي ئاۋىئاتسىيە لېنىيىسىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش ھاۋالىسىغا ئاساسەن بېيجىڭغا كېلىدۇ. سىۋېن ھېدىن بېيجىڭغا مېڭىش ئالدىدا شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكىلەر سىۋېن ھېدىنغا جوڭگۇغا كەلگەندىن كېيىن جوڭگۇ يازغۇچىلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ بېقىشنى، مۇنەۋۋەر يازغۇچىلاردىن ئۆزلىرىگە تونۇشتۇرۇشنى ئېيتىدۇ. سىۋېن ھېدىن بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئالاھىدە ھەرىكەت قىلىپ، ئاخىرى فىرانسىيىدە ئوقۇغان ئاتاقلىق يازغۇچى، شۇنداقلا ئىلگىرى «يېڭى ياشلار» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن ليۇبەننۇڭ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ ئەھۋالنى ئېيتىدۇ. ليۇبەننۇڭ ئەپەندى سىۋېن ھېدىنغا لياڭ چىچياۋ بىلەن لۈشۈننى تونۇشتۇرىدۇ. ليۇبەننۇڭ ئەپەندى كېيىن بۇ ئىشنى لۈشۈننىڭ ئوقۇغۇچىسى تەيجىڭنۇڭغا ئېيتىپ، لۈشۈنگە ئۇقتۇرۇشنى ھاۋالە قىلىدۇ. تەيجىڭنۇڭ ليۇبەننۇڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شاڭخەيدە تۇرىۋاتقان لۈشۈنگە بىر پارچە خەت يازىدۇ. لۈشۈن خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋاب خەت يازىدۇ. خېتىدە«نوبىل مۇكاپاتى بەك كاتتا مۇكاپات، بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا لياڭ چىچياۋمۇ، مەنمۇ ھازىرچە لايىق كەلمەيمىز. بۇ مۇكاپاتنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە كۆپ تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

  مېنىڭچە، ھازىر جوڭگۇدا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدىغان ئادەم تېخى يوق. ھازىرچە ئۇلار بىزنى ئويلاشماي تۇرسۇن» دەپ يازغان. لۈشۈننىڭ بۇ سۆزى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىق مەناسىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ يەردە پەقەت شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكىلەرنىڭ سىۋېن ھېدىنغا جوڭگۇغا بارغاندا جوڭگۇدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك چوڭ دۆلەتتە قانداق مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇشۇپ كۆرۈپ ئۆزلىرىگە نامزات تونۇشتۇرۇپ بېرىشىنى ئېيتقانلىقى، سىۋېن ھېدىننىڭ بۇ ھاۋالىنى ليۇبەننۇڭغا ئېيتقانلىقى، ليۇبەننۇڭنىڭ لۈشۈننى تونۇشتۇرغانلىقى، لۈشۈننىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى چىقىش قىلىپ ئۆزىنىڭ ھازىرچە بۇ مۇكاپاتقا نامزات بولۇشقا لايىق كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ مەۋجۈت.

  دېمەك، لۈشۈننىڭ جاۋاب خېتىنى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتىكى بىر ئاكتىپ پوزىتسىيە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. نوبىل مۇكاپاتى سالاھىيەتكە قاراپ ئەمەس، ئىلمىي ئىقتىدار ھەم ئىلمىي نەتىجىگە قاراپ بېرىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر دۆلەت ياكى رايونلار بويىچە سان تەقسىملىنىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى نامزات كۆرسىتىش، سېلىشتۇرۇپ تاللاش يولى بىلەن باھالاپ چىقىلىدۇ. لۈشۈن ئۆز پوزىتسىيىسى بىلەن بۇ نوقتىنى ناھايىتى ئېنىق گەۋدىلەندۈرگەن. شۇنداقلا، سالاھىيەتكە تايىنىپ مۇكاپات ئېلىشنى ئۆز دۆلىتى ئۈچۈنمۇ، ئۆزى ئۈچۈنمۇ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  لۈشۈننىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات بولۇش شەرىپىگە تۇتقان بۇنداق ئاقىلانە مۇئامىلىسى بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك بىر ئىستىلدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر