باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

‹‹مېيىپلىق ئەدەبىيات››نىڭ تەنقىدى خاراكتىرى

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەدەبىياتتا ئەكس ئەتكەن تېما ھەم شۇ ئار قىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن نۆۋەتتە ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇنبىرىدە ئوخشىمىغان ئەدەبىياتلار بارلىققا كەلدى ھەم كەلمەكتە. دۇنياۋى ئەدەبىيات مۇنبىرىدىن ئېلىپ ئېيتساق، 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن ‹‹يېزا پىروزچىلىقى››بارلىققا كەلدى. بۇ ئەدەبىيات سانائەتلىشىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا يېزا مەدەنىيىتىنى ۋە يېزا كىشىلىرىنىڭ خاس يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ‹‹پارتلاش ئەدەبىياتى››، ‹‹يېلتىز ئىزدەش ئەدەبىياتى››، ‹‹ئاياللار ئەدەبىياتى››قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى. ئېلىمىز ئەدەبىيات مۇنبىرىدىمۇ مۇناسىپ جانلىنىشلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ‹‹جاراھەت ئەدەبىياتى››، ‹‹ئىسلاھات ئەدەبىياتى››دېگەندەك ئەدەبىياتلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بېرى، شەھەرلىشىش جەريانىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، يېڭى مەسىلىلەرنى، يېڭى زىددىيەتلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ‹‹شەھەر ئەدەبىياتى›› بارلىققا كەلدى. دېمەك، بۇنداق ئەدەبىياتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەدەبىياتتا تېمىلارنىڭ ئىنچىكىلىشىشى ھەم يازغۇچىلارنىڭ بايقاش كۈچىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئامرىكا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ‹‹مېيىپلىق ئەدەبىيات››دېگەن ئاتالغۇ بىلەن يەنە بىرخىل ئەدەبىيات بارلىققا كەلدى. بۇ ئەدەبىيات خەلقئارادا ‹‹LITERARY DISABILITY››دەپ ئاتالدى. خەنزۇتىلىدا 《残疾文学》دەپ ئاتالدى. بۇ ئەدەبىيات بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ياۋرۇپادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ، داڭلىق تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ دېققىتىنى تېزلا تارتتى. بولۇپمۇ، داڭلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەھلىلچىلىرىنىڭ بۇ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولدى.

  ‹‹مېيىپلىق ئەدەبىيات››دەسلىپىدە، مېيىپلارنىڭ تەنھەرىكەت مەيدانىدىكى قەيسەر روھى ھالىتى ۋە رېكورت يارىتىش ئىرادىسىنى مەدھىيلەش تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن. كېيىن ئىپادىلەش مەزمۇنى، ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىدىيىسى كېڭىيىپ، تەدرىجىي ئىجتىمائىي تۈس ئېلىشقا باشلىغان. يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە مېيىپلىقنى تەسۋىرلىگەندە، ئۇنى نوقۇل فېزىئولوگىيىلىك، پىسخىكىلىق ئاجىزلىق ياكى جىسمانىي كەمتۈكلۈك (ئەيىبلىك) قىلىپلا تەسۋىرلىمىدى، بەلكى ئۇنى مېيىپلارنىڭ جەمىئىيەتتە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىيلىق جەھەتتىكى دۇچ كېلىۋاتقان قوش توسالغۇلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان، باشقا كىشىلەر بىلەن بولغان پۇرسەت ھەم ھوقۇق جەھەتتىكى ئۇچراۋاتقان چەكلىمىلىكلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان قىلىپ يازدى.

  نۆۋەتتە، ‹‹مېيىپلىق ئەدەبىيات››يوشۇرۇن ئوخشىتىش، سېمۇۋۇل قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۆز مەزمۇنىنى تېخىمۇ كەڭرى ئىپادىلەشتەك تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. يازغۇچىلار كىشىلەردىكى روھى ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى مېيىپلىقنى جەمىئىيەت ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىدىكى تۈرلۈك نوقسانلارغا سېمۇۋۇل قىلىپ ئىپادىلىمەكتە. مەسىلەن:ئەمالىقنى كىشىلەردىكى كەلگۈسىگە بولغان نەزەرنىڭ، كۆرۈشنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا سېمۇۋۇل قىلماقتا؛ ئاخساقلىقنى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تونۇش، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىش ئېڭىنىڭ كەمچىل بولۇشىغا سېمۇۋۇل قىلماقتا؛ گاسلىقنى رەھبەرلىك ئورنىدىكىلەرنىڭ ئاۋام-پۇقرانىڭ پىكىر ساداسىغا ياخشى قۇلاق سالماسلىقىغا سېمۇۋۇل قىلماقتا؛ دېمەك، ‹‹مېيىپلىق ئەدەبىيات›› جەمىئىيەتتىكى ساغلام كىشىلەردە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىللەتلەرنى مېيىپلىق نوقتىسىدىن كۈزۈتۈش ھەم ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئاساسلىق چىقىش نوقتىسى قىلىدۇ.

  يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى،‹‹مېيىپلىق ئەدەبىيات›› تەسۋىرلەۋاتقان ئوبرازلار ياكى ۋەقەلەر نوقۇل جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك ياكى ئەيىبنى يېزىش بولماي، بەلكى يازغۇچىلارنىڭ ئىلغار غايىسى، ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن ھالدىكى ئاكتىپ مەزمۇنلارنى يېزىشتۇر. شۇنىڭدەك يەنە جىسمانىيىتى مېيىپ بولمىسىمۇ، روھى جەھەتتىن مېيىپ بولغانلارنى تەنقىدلەشتۇر. شۇڭا ‹‹مېيىپلىق ئەدەبىيات››نىڭ مەزمۇنى مېيىپ كىشىلەرگىلا قارىتىلغان بولمايدۇ، مۇھىمى جەمىئىيەتتىكى جىسمانىيىتى ساغلام كىشىلەرنىڭ جەمىئىيەت ۋە ئىنسانلار ئالدىدا ئۈمۈدۋار، غايىلىك بولۇپ، ئۆز بۇرچىنى ھەم مەجبۇرىيىتىنى تولۇق، توغرا ئادا قىلىپ ياشىشىغا قارىتىلغان بولىدۇ.

  ئەدەبىي ئەسەرلەردە، مېيىپلىقنى تەسۋىرلەش قەدىمدىن بار بولغان ھالەت. مېيىپ ئوبرازلارنى ۋە ئۇلاردىكى بەش ئەزاسى ساق ئادەملەردىن ئېشىپ چۈشىدىغان غايە ـ ئىنتىلىشلەرنى، تىرىشچانلىقلارنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ئەسەرلەر بىزگە ناھايىتى تونۇش. بىز يەنە شۇنداق ئەسەرلەرنىمۇ بىلىمىزكى، بۇنداق ئەسەرلەردە، ئەرلىك ھۆكۈمرانلىق دەستىدىن ئايال ئائىلىدە خورلىنىدۇ. پەقەت ئەر مېيىپ بولۇپ قالغاندىن كېيىنلا، ئايالنىڭ ئائىلىدىكى باراۋەرلىكى ھەم ھوقۇقى ئىشقا ئاشىدۇ. ئەمدى ‹‹مېيىپلىق ئەدەبىيات››نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ‹‹مېيىپلىق ئەدەبىيات›› مەدھىيلەشكە قارىغاندا، تەنقىدلەشنى ئاساسى ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇ مېيىپ ئوبرازلارنى تەسۋىرلىگەندە، ئۇنى ساق ئادەملەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما قىلىدۇ. ساق ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بيۇرۇكراتلىق، باراۋەرسىزلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى مېيىپلىق نوقتىسىدىن چىقىپ كۈزۈتىدۇ، تەنقىدلەيدۇ. كىشىلەرنى ساغلام، باراۋەر، ئۆزئارا كۆيۈنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان جەمىئىيەت بەرپا قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر