باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيتى قانداق باشلانغان

ئەكبەر قادىر

2013.02.28 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيتى ھەققىدە سۆز بولسا ، بەزىلەر زوردۇن سابىر ئەسلى شائىر بۇلۇشنى تاللىغان. لېكىن ئۇ تاساددىپى پۇرسەتتە پىروزىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قالغان دېسە، يەنە بەزىلەر زوردۇن سابىر پىروزا بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەييارلىق باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ.بۇنى بىلىش ئۈچۈن مۇنداق بىر جەرياننى ھېكايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. زوردۇن سابىرھەقىقەتەنمۇ بالىلىق دەۋرلىرىدە ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ھەممە تۈرلىرىدە دېگۈدەك ئۆزىنى سىناپ باققان.ئۇ 1957-يىلى لەنجۇغا بارغاندىن كېيىن خەنزۇچە ئۆگۈنۈپ شۇ يىللاردا نەشىر قىلىنغان جوڭگۇ ۋەچەتئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى باش چۆكۈرۈپ ئوقۇپ چىققان ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇستازى لى گوشاگغا ياردەملىشىپ، ئۇيغۇر كىلاسىسىك ئەدەبىياتىدىن دەرىسلىك تۈزۈشكە قاتناشقان .بۇ جەريانلاردا زوردۇن سابىر ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن ، تەتقىق قىلغان. مۇشۇ يىللاردا زوردۇن سابىر يەنە چەتئەل ئەدەبىياتى،ئېلىمىز خەنزۇ ئەدەبىياتى ،شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئۇمۇميۈزلۈك ئۆگۈنۈش، بىلىش، چۈشۈنۈش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۇ شېكىسپىرنىڭ ‹‹ھامىلىت››، ‹‹فائۇست››، ‹‹ۋېنىتسىيە سودىگىرى ›› دىراممىلىرى (1956-يىلى جوڭگۇ ياشلار نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان ). بالزاكنىڭ ‹‹يېۋىيگىنى گىراندى›› (1954-يىلى خەلىق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان)، ‹‹گورىيو بوۋاي ›› (1963-يىلى خەلىق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان). مۇپاسساننىڭ ‹‹ھايات›› ( 1963-يىلى خەلىق نەشىرىياتى تەرپىدىن خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان)، ‹‹دېڭىز سەرگەردانى روبىنزۇن كىرىزۇن ›› (1959-يىلى خەلىق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان). مىفائىل شولوخوپنىڭ‹‹تىنىچ تون››(1957-يىلى 1-ئايدا خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان)،ل.تولىستوينىڭ‹‹ئۇرۇش ۋە تىنىشلىق›› ، ‹‹تىرىلىش›› (1956-يىلى خەلىق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر نەشىر قىلىنغان) قاتارلىق دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەرلەرنى ۋە ماۋدۈننىڭ ‹‹تۈن يانغاندا›› (1960-يىلى خەلىق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان)، ‹‹چىرىتىش›› (1954-يىلى خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىىنغان)، باجىننىڭ ‹‹باھار›› ، ‹‹كۈز››رومانلىرى (1962-يىلى خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان).لاۋشىنىڭ ‹‹شىياڭزى تۆگە›› (1962-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان)قاتارلىق داڭلىق رومانلارنى تىل ئارقىلىق ئوقۇپ ، خاتىرە يازغان. روسىيە ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات مۇنبىردىكى داڭلىق ئەسەرلىرىدىن بولغان ‹‹ئۆلۈك جانلار››، ‹‹ئاباي ››، ‹‹گۇگۇلغا خەت››، ‹‹نەۋائىي››، ‹‹ئانا››، ‹‹مېھراپتىن چايان›› ، ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر›› قاتارلىق كۆپلىگەن رومانلارنى 1950 –يىللار ۋە 1960-يىللادا تاشكەنىت شەرق ھەقىقىتى نەشىرياتى تەرپىدىن ئۆزبېكچە ۋە ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان نۇسخىلىرى ئارقىلىق ئۇقۇغان. بۇنداق ئوقۇش ۋە ئۆگۈنۈش زوردۇن سابىرنىڭ پىروزىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ ئۇنىڭ يېزىقچىلىققا كىرىشىش ئىرادىسىنى چىڭىتقان ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە يازغۇچى بۇلۇش غايىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. زوردۇن سابىر ئەنە شۇنداق قىزىقىشىنىڭ تۈرتكىسىدە 1960-يىلى كۈزدە دەسلەپكى قەدەمدە ‹‹ئانا يۇرت›› ناملىق بىر ھېكايىنى يېزىپ چىقىدۇ ھەم بۇ ھېكايىسىنى ‹‹تارىم››ﮊۇرنىلىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ‹‹تارىم››ﮊۇرنىلى دىكى مۇھەرىرلەر بۇ ھېكايىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ ،يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى سىميۇت.بايايىۋىسكىنىڭ‹‹ئالتۇن يۇلتۇز كاۋالىرى››ناملىق ئەسىرىگە تەقلىد قىلىش خائىشى رۆشەن ئىكەن،مۇبالىغەچىلىك بارئىكەن،دېگەن پىكىرنى بېرىپ، ﮊۇرنالغا باسمايدۇ ۋە زوردۇن سابىرغا قايتۇرۋېتىدۇ. ھېكايىسىنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن زوردۇن سابىر بۇنىڭلىق بىلەن مەيۈسلىنىپ ئىجادىيەتتىن بوشىشىپ كەتمەيدۇ، بەلكى داۋاملىق تىرىشىدۇ. ئۇ يەنە ‹‹تارىم›› ﮊۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر نەچچە داڭلىق يازغۇچىنىڭ ھېكايىلىردىكى رېئاللىقتىن چەتنەپ كەتكەن ئامىللار ئۈستىدە تەنقىد ماقالىسى يېزىپ چىقىدۇ ھەم ﮊۇرنالغا ئەۋەتىدۇ.بىراق بۇ ماقالىسىمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بېسىلماي قايتۇرۇلدۇ. ھكايە ۋە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدۇرالمىغان زوردۇن سابىردا شېئىر يېزىپ ئۆزنى سىناپ بېقىش ئىستىگى تۇغۇلىدۇ،چۈنكى ئۇ ئىلگىرى جوڭگۇ ۋە چەتئەلنىڭ كۆپلىگەن شائېرلىرنىڭ شېئىرلىرىنى يادلىغان،ھەتتا مەشىق دەپتەر تۇتۇپ شېئىرلارنىمۇ يېزىپ باققان ئىدى.نەتىجىدە زوردۇن سابىر 1961-يىل يازدا ئۇقۇغۇچىلىرىنى غۇلجىغا پىراكتىكىغا ئەكەلگەن پۇرسەتتە شائىر تېيىپچان ئېليۇف بىلەن ئۇچۇرشۇپ قېلىپ،شائېرنىڭ ئېلھاملاندۇرشى بىلەن بەش پارچە شېئىر يازىدۇ.بۇ شېئىرنىڭ‹‹ئاق ئورۈك ››‹‹باغۋەن قېز ››<<تيىانشان>>قاتارلق ئۈچ پارچىسىنى تېيىپچان ئېليۇف ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىپ ،‹‹تارىم››دا ئېلان قىلدۇرۇپ بېرىدۇ.بۇنىڭدىن زوردۇن سابىر ناھايتى ئېلھام ئالغان بولسىمۇ،بىراق ،ئىجادىيتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يولىنى قانداق بېسىشنى ئويلىنىپ قالىدۇ.زوردۇن سابىر كىچىكىدىن شائىر بۇلۇشنى ئەمەس،يازغۇچى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىمۇ ئۇنىڭ يازغۇچى بۇلۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى.قانداق قىلىش كېرەك؟زوردۇن سابىر دەرھال بىرقارارغا كەلدى.ئۇ جاپالىق بولسىمۇ،يەنىلا ھېكايە يېزىشنى مەشىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتى.ئۇ ھېكايىچىلىقتا مەغلۇپ بۇلۇشىغا ئىشەنمەيتى،بەلكى ھامان بىر كۈنى مۇۋەپپەقيەتلىك ھالدا بىر پارچە ھېكايە يېزىپ چىقىپ،باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇشقا ئىشىنەتتى.

  1962-يىلى زوردۇن سابىر يۇرتى غۇلجىغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدى.لەنجۇغا قايتىپ كەلگندىن كېيىن ئۆز يېزىسىدا كۆرگەن ئاڭلىغان بىر تەسىرلىك مۇھەببەت كۆرۈنۈشى ئاساسىدا 1963-يىلى ‹‹ساداقەت››ناملىق ھېكايىسىنى يېزىپ چىقتى.ئەمما بۇ ھېكايىسىنى ھېچقانداق مەتبۇئاتقا ئەۋەتمەي،ساندۇغىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدى.چۈنكى بۇ ۋاقىتلاردا مەتبۇئاتلاردا مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئانچە قارشى ئېلىنمايتى.

  1964-يىلى زوردۇن سابىر لەنجۇدىن يۇرتى غۇلجىغا قايتىپ كەلدى ۋە ئۆز يېزىسىدا بىر مەھەل تۇرغاندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىگە كىرىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم بۇلۇپ ئىشلىدى.

  شۇ ئارىلىقتا ئون يىلچە ۋاقىت ئۆتىدۇ. زوردۇن سابىر بۇ ئون يىلدا پۇرسەت بولسىلا ئۆيدىن چىقماي كىتاب ئۇقۇيدۇ،خاتىرە يازىدۇ.شۇنداقلا يەنە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنىمۇ توختىتىپ قويمايدۇ.ھەركۈنى يېزىشنى مەشىق قىلىدۇ. يازغانلىرىنى قايتا- قايتا تۈزۈتۈپ،ئۆزى قانائەت ھاسىل قىلغۇچە ئۆزگەرتىدۇ. بەزىدە ھەتتا مەكتەپنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان ۋاقىتلاردىمۇ بىكار ۋاقىت تاپسىلا يېزىشنى مەشىق قىلىدۇ.

  1972-يىلى ئېلى ئوبلاستىدائ وبلاستلىق ئىجادىيەت ئىشخانىسى قۇرۇلىدۇ. بۇ ئىشخانا شۇ يىللاردىكى ھەرقايسى ساھەلەردە مەيدانغا كەلگەن يېڭى ئادەم، يېڭى شەخىسلەرنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بۇلۇپ، ئىشخانا ئاپتۇرلارنى يېزىلارغا،كان-كارخانىلارغا ئەۋەتىپ ئىلغار شەخىسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى،نەتىجىلىرىنى يېزىپ كېىشكە تەشكىللەيتتى.شۇنداق كۈنلەردە بۇ ئىشخانىغا ئويغۇرچە يېزىلغان ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقالايدىغان بىرخادىم كېرەك بۇلۇپ قالىدۇ-دە،زوردۇن سابىرنى يۆتكەپ كېلىدۇ ھەم يېزىلغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا قۇيىدۇ. زوردۇن سابىر بۇيەردە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ىڭ چېچىلاڭغۇ، تىلىنىڭ ناچارلىغىنى كۆرۈپ، بۇ ھېكايىلەرنى ئۆز قولى بىلەن تۈزۈتۈپ، پىششىقلاپ تەرجىم ئاپتۇرلار يېزىپ كەلگەن ھېكايىلەرنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن، قۇرۇلمىسىز قىلىپ چىقىدۇ. بىر كۈنى زوردۇن سابىر ئۆزىمۇ ھېكايە يېزىپ باقماق بۇلۇپ، تۇققان يوقلىغاچ يېزىغا بارىدۇ ھەم ئۇ يەردىكى سەيپى ئىسىملىك بىر دېھقاننىڭ كوللىكتىپنىڭ قويلىرىنى بېقىش جەريانىدىكى ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ھېكايە قىلىپ يېزىپ كېلىدۇ.ئۇنىڭ بۇ ھېكايىسى ‹‹ئارغىيەتكە ئاشىقچە››دېگەن ماۋزۇدا ‹‹ئېلى گېزىتى››نىڭ 1972-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلىپ چىقىدۇ.بۇ ھېكايە تېزلا باشقىلارنىڭ دېققىتىنى قوزغايدۇ. ئېلى ئوبلاستىنىڭ شۇ چاغدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرسى بولغان يولداش ئىرغالى بۇ ھېكايىنى گېزىتتىن ئۇقۇپ ناھايتى خوشال بۇلىدۇ ھەم زوردۇن سابىرنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ: ‹‹ھېكايىنى ناھايتى ياخشى يېزىپسىز،سىزنىڭ يەنە قانداق يېزىقچىلىق پىلانلىرىڭىز بار، بىز سىزگە شارائىت يارتىپ بېرەيلى››دەيدۇ . زوردۇن سابىر ‹‹مېنىڭ رومان يازغۇم بار» دەيدۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىن زوردۇن سابىر تەشكىلنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن يېزىلارغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگۈنۈپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىنى باشلىۋېتىدۇ. ئۇ‹‹گۆھەرنىڭ بەختى››،‹‹دوستۇمنىڭ تارىخى››،‹‹ئونىنچى سىنىپنى ئەمدى تۈگەتتىم››قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يېزىپ ‹‹ئېلى گېزىتى››،‹‹شىنجاڭ گېزىتى››قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىدۇ. ئاندىن تېزلا رومان يېزىشقا ئۆتۈپ ‹‹ئابرال شاماللىرى››رومانىنى يېزىشقا باشلايدۇ. بۇ روماننى ئۇ بىر يىل ئىچىدىلا يېزىپ تاماملايدۇ.زوردۇن سابىرنىڭ پىروزىچىلىق ئىجادىيتى ئەنە شۇنداق باشلاندى. ئەمما، بۇنداق باشلىنىش ئۇزاق مەزگىل ھېكايە يېزىش مەشىقىدىن كېيىنكى باشلىنىش بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر