باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شائىرنىڭ بىر كۈنى (1)

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ ‹‹كۈنتۇغدى ›› ناملىق داستانى توغرىسىدا

2012.12.25 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رىسالەت مەردان

  بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بولۇپمۇ يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر شېئىرىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە شائىرلار بىزگە ئانچە ناتۇنۇش ئەمەس. شائىرلىق يولى باشلاشقا ئاسان، ھەۋەس ۋە قىزىقىشنى ئاساس قىلغان بىلەن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ بىر باشقا ئېلىپ چىقماق، خەلىقنىڭ قەلبىدىكى شائىرغا ئايلانماق ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇ باشقىلار ئېيىتقاندەك ‹‹شېئىر توقۇش ››‹‹بىرەر شېئىر يېزىۋىتىش ›› دىگەندەك ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغان تاشقى ئالاھىدىلىكتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىچكى ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شائىرنىڭ شېئىر يېزىش يولىدا تۇتقان پىرىنسىپى، تەربىيەلىنىشى، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلىشى ۋە شېئىرىيەت نەزىرىيىۋىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا شېئىرىيەت كوچىسىدا بىز شېئىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ يۈرگەن شائىرلارنىڭ بەزىلىرى ئاستا-ئاستا شېئىرىيەت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. لېكىن يەنە بەزى شائىرلار شېئىرىيەتنىڭ سىرىنى ھېس قىلىپ يىتىپ، ئۆزىنى ئىچكى جەھەتتىن تەربىيەلەشكە تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەچكە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى دائىم مەتبۇئاتلاردىن ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تىۋىشلىرى بىلەن دائىم پارالىللىشىپ ماڭالىغاچقا، شېئىرلىرىدىن شۇنچە جىق تونۇش سىزىملارنى ئۇچراتقاندىن سىرىت، يەنە بىز ھېس قىلىشقا، بايقاشقا ئۈلگۈرمىگەن تۇيغۇ-تەسىراتلاردىن سۆيۈنىمىز. مانا بۇ شېئىر يېزىۋاتقان شائىرنىڭ خوشاللىقىدۇر.

  ئىجادىيىتىنى ھازىرغىچە توختىتىپ قويمىغان ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى يىللارسېرى ئۆزگىرىپ بېرىۋاتقان شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى نازۇك ئۆزگىرىشلارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئىستىتىك مەنزىلگە باشلاپ ئاپىرىدۇ. شۇڭا بەزى شائىرلار ئۆز ئورنىدا سەكرەپ قالغاندا، ياكى شېئىرلىرىدىكى ئىستىتىك سەۋىيە بۇرۇنقىغا يەتمىگەندە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇلارنى سۈيلىشى ۋە يوقىرى تەلەپ قويۇشى بەرھەق. ياش شائىرلار ئىچىدە ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بۇيان، قەلەمنى قولىدىن تاشلىمىغان ۋە ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىن يىتىشىۋاتقان ئەسەرلىرىنى تەغدىم قىلىپ كېلىۋاتقان شائىرلارنىڭ بىرى دەل-ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمدۇر. ئۇنىڭ ‹‹كىتابلىرىمنى كۆيدۈرىۋەتتىم››، ‹‹ئوبۇلقاسىمنىڭ يەرلىرى ›› قاتارلىق شېئىرلىرىنىڭ تەمى ھېلىھەم كىتابخانلارنىڭ ئېسىدىن كەتمىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى لېرىكىلىق، يارىتىلغان بەدئىي پەللە بارغانسېرى قاتلام ھاسىل قىلىپ، ئوقۇرمەنلەردە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئىزلەپ ئوقۇيدىغان، تالىشىپ، بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان بىر خىل قىزغىن شېئىرىي كەيپىيات ھاسىل قىلىندى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن ئىختىيارسىز تۇيغۇدىكى بىر خىل يىنىك تىلنى، ئەركىن تۇيغۇنى ھېس قىلماي تۇرالمايدۇ. ‹‹كۈنتۇغدى ›› ناملىق داستانمۇ ئۇنىڭ بىر يىرىك ئەسىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە