- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يەكشەنبىدىكى بوراننىڭ خىياللىرى
رىسالەت مەردان
2012.12.03 11:26
قىيپاش ئۇچۇۋاتقان بۇران،
جىمجىت كۆيىۋاتقان خىيال.
مەن يەكشەنبىنى سۆيۈپ تۇرۇپ
ھايات گۈزەل دەپ توۋلەيمەن
توۋلايمەن بۆرىدەك ھۇۋلىغان پېتىم.
دېرىزىدىن ياغىدۇ ئۈمىدلىك قۇملار،
كۆزلەرگە يامىشىدۇ ئاچچىق رىۋايەت
مەن ساڭا نېمىنى قىلاي سىمچۇل
ئەي ماڭا ياماشقان ئاچچىق ھەسرەت
مۇھەببەت يەلپۈيدۇ سەلكىن چىچىنى
ئازابتەك بىر خىيال قوينۇمدا كۆيەر.
قۇلۇمغا ئالىمەن كۈتۈشلىرىڭنى
ئاھ مېنىڭ يەكشەنبەم قۇملاردا ئۆچەر..
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە