باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئەدەبىيات

قۇمنىڭ چۈشى

رىسالەت مەردان

2012.11.29 16:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مۇڭلۇق مۇزىكىدەك قۇمنىڭ ئاۋازى
ئاسماندىن لەپ-لەپ ياغقاندا

قۇمغا ئەگىشىپ كۆرمەكتىمەن چۈش
نەچچە تاغدىن يىراق بىر يەردە
تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرىسىدا
كىروران شەھىرى
قەدىمىقى ۋەسىقىلەر
تارشا پۈتۈك
توخرى يېزىقى ب
خەرىتىلەر ئايلانماقتا
مېنىڭ چۈشۈمدە

مېنىڭ چۈشۈمدە
يىراق تاغدىكى چۆپ ئورىۋاتقان
دادامنىڭ ئاققان تەرلىرى
ئاپامنىڭ كۈندە قارايغان چىرايى
تاماق ئېتىۋاتقان سىڭلىم
دېرىزىدىن قارىسام
قارىيىپ كۆرۈنەر ئاسمان
دەرەخلەر ئىغاڭلايدۇ غەمسىز
توپا ياغار خىيالىم تامان

قۇم
چۈش كۆرىدۇ مەن بىلەن بىللە
قۇم دۆۋىلىرى خىيالىمدا
مەن قۇمنىڭ باغرىدا

مەن قۇمنىڭ باغرىدا
ئوڭۇم ياكى چۈشۈم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيمەن
زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى
ئون تۆت ئادەم بىر مەھەللە بولغان
بىللە ئۇخلاپ ياتقان
تۇزنىڭ ئىچىدە
تۇزنىڭ ئاستىدا

مەن چۈش ئىلكىدە
ياكى مەن قۇمنىڭ چۈشىدە



مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە