يايرىم بەرگەن ئەتىرگۈل
رىسالەت مەردان
2012.11.29 16:49
يايرىم بەرگەن بىر تال ئەتىرگۈل
ياپرىقىدا تالە-تالە جان
بىر بەرگىدە ياشنىسا كۈتۈش
بىىر بەرگىدە كۈلىدۇ ئارمان
ئۇ كۈلىۋاتىدۇ
ماڭا بىر تال ئەتىرگۈلنى سۇنىۋىتىپ
مەن كۈلۈپ قويدۇم
قىزىرىپ كەتتىم
كۆزۈمنى ئاچسام ھېچكىم يوق
تۆت تامدىن ۋە كىتابتىن باشقا
يايرىم بەرگەن بىر تال ئەتىرگۈل
كۆزلىرىمدە ئايلاندى ياشقا....
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە