باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ

رىسالەت مەردان

2012.11.29 16:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
چاپچىپ-چاپچىپ تۇرغان ئاق ئاتتەك
ئىلھامىمنى تۇتۇپ قولۇمدا
بايام بىز ماڭغان چىراغسىز يول
بايام بىز ئۆتكەن كۈلگۈنچەك كوچا
قوللىرىمنى تۇتۇۋالغىنىڭدا
مەن ھېس قىلىمەن چوڭقۇر، سۆيۈنۈپ
مۇھەببەتنى، ئىللىق كۆيۈمنى

مەن مۈدۈرۈلۈپ كەتسەم
كۈلۈمسىرەپ ئۇزىتىسەن قول
بىز يامانلىشىپ قالساڭ
سۈكۈت بىلەن بىرىپ كەلدىڭ يول

شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
ئىشىك سىرتىدىن كىرىۋاتقان
سۇس خۇشپۇراق كەچكۈز ھىدىدا
غازاڭلارنىڭ پىچىرلىشىدا
سېنىڭ جىمجىت بىر جۈپ كۆزۈڭ بار

ئىشىك ئاچىمەن
لەپىلدەپ تۇرۇپ
سەن كىرىسەن
يالقۇن كەبى گۈرۈلدەپ كۆيۈپ


شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ، بىر شېئىر
مۇھەببەتنىڭ يۇمران يۈزىگە

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە