باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئاھ مېنىڭ قەدىردان ئۇكام

مەن ئاران ئىككى قېتىملا كۆرگەن مەرھۇم ئەلشىرجانغا

2012.11.29 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مەن بۇ مىسىرالارنى تىزىۋاتقاندا
ئۆكسۈپ تۇرۇپ تەن بەرگەن چاغدا
يالغان ئەمەس، كەتكەنلىكىڭگە
قاراپ بەلكىم تۇرغانسەن ماڭا
قاراپ مېنىڭ قايغۇلىرىمغا

دوختۇرخانا، ئىگىز بىنادا
ئاغرىق ئۈچۈن ئازاب چەككەندە
مەن سېنى ئوبدانراق كۆرۋىلىش ئۈچۈن
چىرايىڭغا قارىغان
سىنچىلاپ
كىيىكى كۈنلەردە سېنى
تىخىمۇ ساغلام بولىدۇ دەپ ئويلىغان

ئۇيلىغان ئويلىرىم شۇ يەردە قالدى
شۇ يەردە قالدى ئەسلىمەم

كېتىپ قاپسەن خوشمۇ دىمەپسەن
كېتىپ قاپسەن ئاغرىقنى ئېلىپ
بىزگە سەنسىز ھەسرەت قالدۇرۇپ
بىزدىن يىراق يىراق دۇنياغا

ئۇكام سېنى كۆرگەنتىم ئاران
ئىككى قېتىم دۇختۇرخانىدا

مەيلى بالدۇر كەتكىن بىزنىڭدىن
ھامان بارارمىز بىزمۇ كەينىڭدىن ....

ساڭا جەننىتى رىزۋان تىلەيمەن
خوش ئېيتىمەن ساڭا دىلىمدا...

رىسالەت مەردان
2008-يىلى سەپەرنىڭ 23-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە