تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدە (رىسالەت مەردان شىئېرلىرىدىن)
2012.11.29 16:45 مەنبە: خەلق تورى
قۇمدىن توزغىۋاتقان ئېغىر رومانتىكىلىق
ئادەمنىڭ ئەسلىمىسىگە قايتىدىغان يول
بىر يول، بىنا ۋە باشقىلار
تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدە
يىلتىز تارتىپ كىتىپتۇ قۇمدا،
سۇسىز ھاياتتا ئۇسسىدىم راسا
قۇمنىڭ خىيالىدا يۇيۇنۇپ،
قۇم
رىئاللىقتا تۇرار پاقىراپ
ئۈستىلىڭنىڭ ئۈستىنى كۈچەپ سۈرتىۋاتقاندا
يالغان كۈلۈپ قويىسەن پاكىزلىقىڭ ئۈچۈن
تۇيغۇلاردەك نىپىز بىر قەۋەت توپا
سېنى ئادەملەردەك قىلار مەزمۇت
قۇملار ئىچىدە بىز قەھرىمان
قۇمغا ئايلانغان
قۇرىغان
قاتقان
يىلىكلىرىدە تارىخ ئاققان جەسەتلەرگە سالام قىلىۋىتىپ
مېنى سۆيىۋاتقان قۇملارغا
قۇملارنىڭ قۇملىرىغا
رەھمەت ئېيتىمەن
سۇسىز ماكاندا
سۇ بولۇپ ئاققان ...
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە