باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پەرۋىن (رىسالەت مەردان شىئېرلىرىدىن)

2012.11.29 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاسماندىكى تۇنجى يۇلتۇزنىڭ ئىسمى پەرۋىن
ئاي قاناتلىرىنى كەرگەندە يىراققا
ئۇ نۇر چاچىدۇ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن

پەرۋىن
ئەي ئاسماندىكى نۇرنىڭ قەلبىدە
ئۆسۈپ يىتىلگۈچى يۇمران بىر يۈرەك
ئۇ كۈلىدۇ ۋىلىقلاپ،
ئوينايدۇ سەكرەپ-تاقلاپ
ئۆيۈمدىكى كاكتۇس دەرىخى
ھەيرانلىقتا قالىدۇ قاراپ

ئۇنىڭ بۇيى قوناقگۈلى بىلەن تەڭ
ئىككىسى ئۆسىدۇ ئاسمانغا قاراپ
ئىككىلىسىگە سۇ قۇيىمەن
مېھرىم بىلەن، ئىچ-ئىچىمدىن
لەززەت بىرلە بۇلدۇق- بۇلدۇقلاپ

ئاسماندىكى مەن كۆرگەن تۇنجى يۇلتۇزنىڭ ئىسمى پەرۋىن
يەنە بىر يولتۇز تۇغۇلۇشنى ياتىدۇ كۈتۈپ
ئۆيىمىزدە يۇلتۇزلارغا نۇر قوشۇلىدۇ
ئاندىن ئۇلار دېرىزىدىن
كىتەر پۈتۈن ئالەمگە تاراپ

ئەي ئوماق پەرۋىن
ئەي ئۆسۈپ يىتىلگۈچى
ئەي دادىسىنىڭ يۈرەك باغرىنىڭ
ئاجىرالماس بىر پارىسى ...

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە