باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

قۇرۇق ئۈزۈم يېيىش ئارقىلىق قان تولۇقلىغىلى بولىدۇ

2016.11.04 16:16         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇرۇق ئۈزۈم كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان قۇرۇتۇلغان مېۋە. قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى ھۆل ئۈزۈمنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، كۈندە بىر سىقىم يەپ بەرسە، قان ئازلىققا ياخشى شىپا قىلىدۇ.

  بىرىنچى، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ تۆمۈر تەركىبى مول. ئاياللاردا دائىم چىرايى سارغىيىش، قول – پۇتى مۇزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ، يېنىك دەرىجىدىكى قان ئازلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ ، كۈندە بىر سىقىم قۇرۇق ئۈزۈم يەپ بەرسە، بۇ ئەھۋالنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى ھۆل ئۈزۈمنىڭكىدىن 15 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ، قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە يەنە نۇرغۇن مىنېرال ماددا، ۋىتامىن ۋە ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، بەدىنى ئاجىز، قېنى ئازلارغا بەك پايدا قىلىدىكەن.

  ئىككىنچىدىن، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ يەنە ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تالالىرى يەنە ئۈچەي دىۋارىدىكى توكسىننى سۈمۈرۈپ، زەھەر تازىلاشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  قۇرۇق ئۈزۈم يەنە يۈرەك قان تومۇرىنى قوغداشقا پايدىلىق. تەتقىقاتقا قارىغاندا، قۇرۇم ئۈزۈم خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىش ھەم يۈرەك قان تومۇرى كېسىلنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇنىڭدا يەنە فلاۋونغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەركىبلەر بولۇپ ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ ، قېرىشقا تاقابىل تۇرىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپ، ئاق لويلا ئىسپىرتى ھۈجەيلەردىكى راك ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىكەن ھەم يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىنىڭ چوڭىيىشىنى چەكلەيدىكەن.

  شۇڭا قۇرۇق ئۈزۈمنى كۈندە 30 – 40 گرامدىن ئۇدا 15 كۈن يەپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىققا بەلگىلىك پايدا قىلىدىكەن ھەم ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئەمما قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرىراق بولغاچقا، دىيابېت كېسىلى بارلار كۆپ يېمەسلىكى كېرەك، ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر