باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

شاكىلاتنى ئاستا چاينىغاندا ئاندىن روھلاندۇرۇش ئۈنۈمى بولىدۇ

2016.11.04 16:07         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاندا شاكىلات يېسىڭىز كەيپىياتىڭىز ياخشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى شاكىلاتنى تېز يېگەنگە قارىغاندا ئاستىراق يېسىڭىز ئاندىن كەيپىياتىڭىزنى كۆتۈرۈش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز. بۇ ئامېرىكا گېتتىسبورگ ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىنىڭ نەتىجىسى.

  تەتقىقاتچىلار 258 نەپەر پىدائىيلارنى ئىككى گۈرۈپپىغا بۆلۈپ بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرىغا ئىسسىقلىق مىقدارى 75 كالورىيە بولغان شاكىلاتنى يېگۈزگەن. يەنە بىر گۇرۇپپىغا ئەسلى تەملىك پىرەنىك يىگۈزگەن. پىدائىيلار تېز سۈرئەتتە يېمىكلىكلەرنى يەپ بولغان. ئارقىدىن تەتقىقاتچىلار پىدائىيلارغا يېمەكلىكلەرنى ئاستىراق يېيىشىنى شۇنداقلا يېيىش جەريانىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ قانچىلىك جاپادا بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسلەپ يېيىشىنى ئېيتقاندىن ئاستا-ئاستا يېيىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىن پىدائىيلار ئۆزىنىڭ يەپ بولغاندىن كېيىنكى كەيپىياتىغا نومۇر قويغاندا ئەسلى تەملىك پىرەنىك يېگەن گۇرۇپپىدىكى پىدائىيلارنىڭ تېز ۋە ئاستا سۈرئەتتە يېگەندىن كېيىنكى كەيپىياتىدا ئانچە كۆپ ئۆزگۈرۈش بولمىغان، لېكىن شاكىلات يىگەن پىدائىيلارنىڭ ئاستا يېگەندىن كېيىنكى كەيپىياتىدا زور ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرگەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەنگىلىيە «ئىشتىھا» ناملىق ژورنالدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: 150 كالورىيەلىك شاكىلات يېگەندە 75 كالورىيەلىك شاكىلات يېگەندىن بەكرەك ئۈنۈمى كۆرۈلۈشى ناتايىن، ئەگەر 75 كالورىيەلىك شاكىلات يېگەندە سەل ئاستىراق يەپ، بىرەر ئىش ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغاندا چوقۇم كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر