باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

يېسسىۋىلەكنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ

2016.10.24 16:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېسسىۋېلەك تەركىبىدىكى كالتسىي بىلەن ۋىتامىن C ئالما ۋە نەشپۈت تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cدىن يۇقىرى بولغاندىن سىرت، تەركىبىدە يەنە ۋىتامىن B1 ناھايىتى مول. شۇڭا، چوڭلار يېسسىۋېلەكتىن كۈنىگە 400 گىرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە بەدەننىڭ ۋىتامىن Cغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ يېسسىۋېلەكنىڭ تەركىبىدىكى مىكرو ئېلېمېنت سىنكقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يېسسىۋېلەك تەركىبىدىكى سىنكنىڭ مىقدارى ئادەتتىكى كۆكتاتلاردىنلا ئەمەس، بەلكى گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى سىنكتىنمۇ يۇقىرى. سىنك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېسسىۋېلەك تەركىبىدە يەنە مانگان، مىس، مولىبدېن قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى مول. مانگان ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا پائالىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مىس بولسا بەدەننىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، مولىبدېن بەدەندە نېتروزامىننىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەپ، راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، يېسسىۋېلەكنى دائىم نورمال مىقداردا ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، قەنت كېسىلى ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭ يەنە قېرىشنى مەلۇم دەرىجىدە كېچىكتۈرۈش رولىمۇ بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر