باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

قوناقنى كۆپ يېسە ئۈچەيگە پايدىلىق

2016.10.10 14:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قوناقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلسا سالامەتلىككە پايدىلىق.

  گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى بۇغداي بىلەن قوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تەكشۈرۈپ، قوناق تەركىبىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ۋىتامىننىڭ بۇغداينىڭكىدىن 5–10 ھەسسە يۇقىرىلىقىنى ئېنىقلىغان. قوناقنىڭ تەركىبىدە يەنە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كالتسىي، ۋىتامىن A، ماگنىي، كىرىمنىي، ۋىتامىن E ۋە ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولۇپ، ۋىتامىن E قېرىشنىڭ ۋە مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  قوناق ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ ، توكسىننىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدە ماگنىي ، كالتسىي، كاروتېن قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

  قوناقنى قاينىتىپ ياكى دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ. بىراق ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس كىشلەر كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. قوناق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشلەرنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

  قوناق بىلەن ماش ئۇيۇتمىسى بىر–بىرىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، ئۆزئارا ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ، ماش ئۇيۇتمىسى تەركىبىدىكى كنىك كىسلاتاسى قوناق تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر