باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

بۇ يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا ساقلىماڭ

2016.10.10 14:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يازدا ئاشقان يېمەكلىكلەر ئاساسەن توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ. بىراق تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ.

  .1 پىياز

  پىيازنى توڭلاتقۇدا ساقلىغاندا پىيازنىڭ پۇرىقى توڭلاتقۇدىكى باشقا يېمەكلىكلەرگە سىڭىپ كېتىدۇ. شۇڭا پىيازنى قۇرغاق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قاراڭغۇ جايدا ساقلاش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا پىيازنىڭ بىخلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  .2 سامساق

  سامساقنى توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ. سامساقنىمۇ قۇرغاق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قاراڭغۇ جايدا ساقلاش كېرەك.

  .3 بولكا

  بولكىنى توڭلاتقۇدا ساقلىغاندا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا سالقىن جايدا ساقلىغان ياخشى.

  .4 شوخلا

  شوخلىنى توڭلاتقۇدا ساقلىغاندا ئاسانلا سۈپىتى، تەمى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا شوخلىنى توڭلاتقۇدا ساقلىماي، سالقىنراق جايدا ساقلىسا بولىدۇ.

  .5 ھەسەل

  ھەسەل سۈپىتى ئاسان ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان يېمەكلىك، شۇڭا ئۇنى توڭلاتقۇغا سېلىش ھاجەتسىز.

  .6 قەھۋە

  توڭلاتقۇدا ساقلىغان قەھۋە ئاسانلا توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراقلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئاغزى ھىم ئېتىلىدىغان بوتۇلكىلاردا ساقلىغان ياخشى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر