باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر ھورمۇن تولۇقلايدۇ

2016.09.06 14:41         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خانىم – قىزلارنىڭ ساغلاملىقى بەدىنىدىكى ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھورمۇنلاردىكى ئۆزگىرىش خانىم – قىزلارنىڭ ساغلاملىقىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. يېمەكلىكلەر ھورمۇن تولۇقلاشنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولىدۇ، بولۇپمۇ سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر خانىم – قىزلارنىڭ بەدىنىدە ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىشقا پايدىلىق.

  ئادەم بەدىنى 70 خىلدىن ئارتۇق ھورمۇننى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ، ئۇلار ئادەم بەدىنىدە ئوخشاش بولمىغان روللارنى ئوينايدۇ. بەدىنىدىكى ھورمۇنلارنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغان ئاياللار بەدىنىدىكى ھورمۇنلارنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەن بولغان ئاياللارغا قارىغاندا ياش كۆرىنىدۇ.

  22~21 ياشلىق ۋاقىتلار ياشلىق باھارنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ھالەتتە بولىدۇ. 25 ياشتىن باشلاپ ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئون يىلدا %15 لىك سۈرئەتتە كېمىيىپ بارىدۇ. بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ توقۇلمىلىرى تەدرىجىي قېرىپ يىگىلەشكە باشلايدۇ، تېرە كۆرۈنەرلىك نۇرسىزلىنىدۇ، روھىي كەيپىيات تەدرىجىي ناچارلىشىدۇ. 60 ياشقا كىرگەن ئاياللاردىكى ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ياش ۋاقتىدىكىنىڭ بەشتىن بىرىچىلىك بولىدۇ.

  خانىم – قىزلاردا ھورمۇن يېتىشمىسە يۈرىكى سېلىپ نەپىسى يېتىشمەي قالىدۇ، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، ھەتتا ئاسانلا چېچىلىپ قالىدۇ، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن خىزمەتداشلىرى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدۇ، بەزىدە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنىمۇ كونترول قىلالماي قالىدۇ. كېچىدە ئۇخلىغاندا مەيدىسى چىڭقىلىپ ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، ئېغىرراق بولغاندا قان بېسىمى بەزىدە ئۆرلەپ بەزىدە تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ.

  ئادەم بەدىنىدە ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغىنى تالدۇر. تال ئادەتتە سېرىق پۇرچاق، كاۋا، ئاپېلسىن، لىمون، كۆممىقوناق ۋە بانان قاتارلىق سېرىق ھەم تەبىئىي تاتلىقراق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. سېرىق يېمەكلىكلەر تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئاشقازان – ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، ماغدۇر تولۇقلاپ كۈچ – قۇۋۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئاياللاردىكى ھورمۇنلارنىڭ كېمىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان تۈرلۈك ئالامەتلەرنى يەڭگىللىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا سېرىق يېمەكلىكلەر يەنە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى يېنىكلىتىشكىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر