باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

چامغۇرنىڭ شىپالىق رولى

2016.09.06 14:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چامغۇر تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ شىپالىق رولىنى ئاۋام: «نامراتنىڭ گۆشى چامغۇر ياكى نامراتنىڭ دورىسى چامغۇر» دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ئاتاپ، تۆت پەسىلدە تامىقىدىن ئۈزمەي، شورپا، لەڭمەن قورۇمىسى، سۇيۇقئاش، يوبدان، ئۇماچ قاتارلىق تاماقلارنىڭ مۇھىم خۇرۇچلىرى سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىپ كەلمەكتە. چامغۇرنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئسسىق بولۇپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، كۆزنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغاچقا، ساقلىقنى ساقلاشتا غىزايى داۋالىق ۋە داۋايى غىزالىق رولى بىلەن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. تىبابەتتە چامغۇرنىڭ يىلتىزى، ئۇرۇقى، چېچىكى قاتارلىقلار دورىغا كەڭرى ئشلىتىلىدۇ. چامغۇرنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارنى (سوغۇقتىن بولغان بوغۇم ئاغرىقى، رېماتىزىم قاتارلىق) سىرتتىن يۇيۇپ بەرگەندە، ئاغرىق پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ چامغۇر چېچىكىدىن گۈلقەنت تەييارلاپ بېرىلسە، يۆتەل توختىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. ئادەتتە چامغۇر شەربىتى، چامغۇر مۇرابباسى تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ؛ مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى بىر قانچە باش چامغۇرنى تۈپىدىن يۇلۇۋەتمەي، كۆكىنى ئېتىزدا تۇرغۇزۇپلا تۈۋىدىن كېسىۋېتىپ، يەردە قالغان چامغۇرنىڭ ئۈستىنى قوشۇق بىلەن ئويۇپ، ئۈستىگە قاچا كۆمتۈرۈپ قويۇپ، ئىككى سوتكىدىن كېيىن چامغۇرنىڭ ئويۇلغان يېرىگە يىغىلغان سۈيىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ، چامغۇر شەربىتى ياساپ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر