باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

كىچىك شوخلا، بىنەپشە رەڭلىك تاتلىق ياڭيۇ ۋە رەڭدار مۇچلار گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرمۇ؟

2016.08.26 14:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەزى كىشىلەر كىچىك شوخلا، بىنەپشە رەڭلىك تاتلىقياڭيۇ ۋە رەڭدار مۇچلار گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىك دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا بۇ قاراش توغرىمۇ؟

  كىچىك شوخلا شوخلىنىڭ بىر خىلى بولۇپ پىدىگەن ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈكتۇر. ئەمەلىيەتتە ئەڭ دەسلەپكى شوخلىلار جۇغى كىچىك، تەمى چۈچۈمەل ياۋا گىلاس شوخلا ئىدى، ھازىرقى چوڭ شوخلىلار كىشىلەرنىڭ دەسلەپكى ئۇششاق شوخلىلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ھازىر ھەقىقەتەن شوخلىنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلگەن تۈرلىرى بار، ئەمما تېخى بازارغا سېلىنمىدى.

  بىنەپشە رەڭلىك تاتلىقياڭيۇ تاتلىقياڭيۇنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئېلىمىز 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى ياپونىيەدىن كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ بىنەپشە رەڭگى تەبىئىي ئانتوتىسېئانىدىنسىمان پىگمېنت بولۇپ، تاتلىقياڭيۇنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋە پوستىدا مەۋجۇت بولىدۇ.

  رەڭدار مۇچ پىدىگەن ئائىلىسى مۇچ ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا جەنۇب ئامېرىكا قىتئەسى ئىدى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆستۈرۈش ۋە شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق مېۋىسى بارغانسېرى يوغىنىدى، مېۋە ئېتى بارغانسېرى قېلىنلىدى، ئاچچىق تەمى يوقىلىپ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر