- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مېۋە شەربىتى قىيامى
2014.05.15 15:32 مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلى تورى
ماتېرىيالى: بادرەنجى بۇيا شەربىتى، ئالما شەربىتى، گاۋزىبان شەربىتى، ئانار شەربىتى، ئەنجۈر شەربىتى باراۋەر مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇقىرىقى شەربەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيام قىلىپ تەييارلايمىز. تەبىئىتى سوغۇق.
شىپالىق رولى: قان ۋە سەپرادىن، ماددىسىز ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يۈرەك ئاجىزلىقىغا يۇقىرىدىكى شىپالىق تائام ۋە مېۋە شەربەتلىرىنى بېرىشتىن سىرت يەنە ياڭاق مۇرابباسى، ئۈجمە مۇرابباسى، تاۋۇز سۈيى قىيامى، ئالما سۈيى قىيامى، سۈتلۈك شويلا، سۈتلۈك يارما پولۇ، قوناق تائاملىرى، ئۇچار قۇشلارنىڭ كاۋىپى، پاقلان گۆشى كاۋىپى، باچكا شورپىسى، ئارپا ئېشى قاتارلىق شىپالىق تائاملارنى بەرسىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر