باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

گەنبىيەن سومىيەن

2014.04.21 09:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيالى: ئۇن، ياغ، گۆش، غولپىياز، كۇدە، سامساق

  تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋاۋىچىن، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، داپەنجى لازىسى، جاڭيو

  قۇشۇمچە: لوگەنما، پۇراقلىق قىزىلمۇچ قىيامى، كۈنجۈت ياكى كۈنجۈت مىيى، كاۋاۋىچىن مىيى

  تەييارلاش ئۇسۇلى: خېمىرنى يۇغۇرۇپ پىلتە قىلىۋالىمىز. كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك توغراپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا سۇ قويۇپ قاينىغاندا پىلتىنى تارتىپ چوكا ئۇچىدەك ئىنچىكە شەكىلگە كەلگەندە ئاشتاختا ئۈستىگە قويۇپ ئۇزۇنلىقىنى 15 سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا چاناپ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ، مۇزدەك سۇدا چايقاپ شىرنىسىنى چىقىرىپ سۈيىنى ساقىتىپ سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

  قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا يېرىم چۈمۈچ ماي قويۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ گۆش سارغايغاندا غولپىياز، كۇدە، قاقمۇچ، سامساقلارنى سېلىپ، كاۋاۋىچىن، ئاقمۇچ سىپىپ تۇز سېلىپ پىشۇرۇپ، تەييارلانغان چۆپنى سېلىپ ئارىلاشتۇۋەتمەي تۇرۇپ، بىر نەچچە تامچە جاڭيو تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.

  يەنە بىر خىل ئۇسۇلى: گۆشنى تەملاندۇرۇپ قازانغا 3 چۈمۈچ ماي قويۇپ ماي قىزىغاندا گۆشنى سالىمىز، گۆش سارغايغاندا پىشۇرۇلغان خېمىرنى سېلىپ مايدىن سۈزىۋالىمىز. قازانغا ئازراق ماي قويۇپ پۈتۈن كاۋاۋىچىن سېلىپ قۇرۇپ كاۋاۋىچىننى سۈزىۋېلىپ، غولپىياز، كۇدە، قاقمۇچ، سامساقلارنى سېلىپ، لوگەنما، پۇراقلق قىزىلمۇچ قىيامى سېلىپ قورۇپ، تۇز، ئاقمۇچ سىپىپ خېمىرنى سېلىپ ئازراق جاڭيو تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ كۈنجۈت ياكى كۈنجۈت مىيى تېمىتىپ تەخسىگە ئۇسىمىز.

  جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ تارماق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر