- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى-قۇناق چۆچۈرىسى
2013.11.26 14:13 مەنبە: خەلق تورى
قۇناق چۆچۈرىسى بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ، قىيمىغا ئاساسەن قوي گۆشى قىيمىلىق، كەپتەر گۆشى قىيمىلىق، ياڭاق قىيمىلىق دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
خېمىرنى تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ئېسىل تارتىلغان ئاق قۇناق ئۇنىغا تۇز ۋە قايناقسۇ قۇيۇلۇپ چىڭ قىلىپ خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، تىندۇرۇپ قويۇلىدۇ.
قىيما تەييارلاش ئۇسۇلى: ئەتكۈچى ئۆزى خالىغان گۆش ئۇششاق توغرۇلۇپ قىيما قىلىنىدۇ، ئاندىن پىياز ئۇششاق چانىلىپ زىرە، قارىمۇچ، تۇز ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، قىيمىغا ئازراق سۇ يىگۈزۈلىدۇ.
ئىتىش ئۇسۇلى: خىمىر ياڭاق چۇڭلۇقتا زۇۋۇلا قىلىنىپ ئوتتۇرى باش بارماق بىلەن بېسىپ كاۋاك قىلىنىدۇ ۋە كاۋاكقا مۇۋاپىق قىيما سىلىنغاندىن كېيىن ئېغىزى ھىملەشتۈرۈلۈپ سۇس ئوتتا 15 ـ 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. قۇناق چۆجۈرىسىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، دىئابىت كېسىلى، ئىشتھاسىزلىق، زىيادە سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللەرگە ئالاھىدە پايدىسى بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر