باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

لوبودىن تەييارلانغان سوغۇق سەي

2013.11.15 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىياللار: قىزىل لوبودىن بىر دانە، بىر قوشۇق تۇز، بىر قوشۇق گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى، بىر قوشۇق شىكەر، كۈنجۈت، كاۋاۋىچىن، يېمەكلىككە ئىشلىتىلىىغان ماي ئاز مىقداردا.

  ئېتىش ئۇسۇلى: لوبونى پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن، يىلتىزى ۋە بېشىنى كېسىۋېتىپ، نېپىز يالپاقداپ قەلەمچە قىلىپ ئۇششاق توغرايمىز. قاچىغا سېلىپ تۇز قوشۇپ ئىلەشتۈرۈپ، 15 مىنۇت دۈملەپ قۇيىمىز. 15 مىنۇتتىن كېيىن چىققان لوبو سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىنى قويۇپ ئارىلاشتۇرىمىز، ئارقىدىن شېكەرنى قوشىمىز. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قويۇپ، ماي قىزىغاندا كاۋاۋىچىننى سېلىپ ماينى تەملەندۈرىمىز ئارقىدىن لوبو سېلىنغان تەخسىگە تەملەندۈرۈلگەن ماينى سېپىپ، كاۋاۋىچىننى تېرىپ ئېلىۋېتىمىز. بۇنىڭ بىلەن تەملىك سوغۇق سەي تەييار بولىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر