باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

تېرىملىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى

سادىر سابىر نەزەرى

2013.08.01 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيغۇر تائاملىرى تارىخى ئۇزۇن، ھۈنەر-سەنئىتى يۇقىرى، تەملىك، رەڭدار بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت گۈلزارلىقىدىكى چاقناپ تۇرغان گۈل، شۇنداقلا ئىنسانلار يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدۇر.

  يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى جاڭگال كاۋاپلىرى ئەنە شۇ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. بۇ خىل جاڭگال كاۋاپلىرى زىخلىق كاۋاپ، قىيما كاۋاپ، ئاسما كاۋاپ ۋە پۈتۈن پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋاپ قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، تېرىملىقلار مېھمان كۈتكەندە بۇ خىل كاۋاپلارنى پىشۇرۇپ، ئالاھىدە يىمەكلىك ئورنىدا دەستىخانغا قويىدۇ. بۇ خىل جاڭگال كاۋاپلىرى ئاساسەن يەرلىك ئەركەك پاقلان، ئەركەك ئوغلاق گۆشىدىن ئېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇغداي ئۇنى، تۇخۇم، ئاقمۇچ، قارامۇچ، زىرە، پىياز، تۇز قاتارلىقلار قوشۇمچە خام ئەشىيا قىلىنىپ، باشقا ھېچقانداق تېتىتقۇ ئىشلىتىلمەي، جاڭگالدا ئۆسكەن قۇرۇق يۇلغۇن، توغراق دەرىخىنىڭ ئوتۇنىنى قالاپ چوغ چۈشۈرۈلۈپ، قىيما كاۋاپ، زىخلىق كاۋاپلار كاۋاپداندا، ئاسما كاۋاپ ۋە پۈتۈن كاۋاپلار شور تونۇردا دۈملەپ پىشۇرىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كاۋاپلار «جاڭگال كاۋاپ» دەپ ئاتالغان.

  جاڭگال كاۋاپلىرىنىڭ تەمى تاتلىق، خۇش- پۇراقلىق ھەم يىيىشلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىققا مائىل بولۇپ، سوغۇقتىن بولغان ھەرخىل ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرىگە شىپا بولغاندىن باشقا يەنە بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېرىملىقلار ئوۋ ئوۋلىغاندا، ئولجىلارنى جاڭگالدا ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ يىيىشتەك ئەنئەنىۋى ئادىتىنىمۇ ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە.

  ھازىر تېرىملىقلارنىڭ بۇ خىلدىكى جاڭگال كاۋاپلىرى «داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە ساياھەت رايونى»دىكى يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا. شۇڭا، تېرىم يېزىسىدىكى يىمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان دېھقان تىجارەتچىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ خىل كاۋاپچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ، «داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە ساياھەت رايونى» يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە خىلمۇ-خىل جاڭگال كاۋاپلىرىنى پىشۇرۇپ سېتىپ، ئائىلە ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل