باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ياخشى خەۋەرلەر

2014-يىلدىن 2015-يىلغا ئۆتۈش دوقمۇشىدا

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

2014.12.26 11:15   مەنبە: خەلق تورى

2014-يىلدىن 2015-يىلغا ئۆتۈش دوقمۇشىدا

ھەر يىلى 22-دىكابىر كۈنى (يەنى كۈن توختىغان كۈن)، مەنمۇ بىر توختىۋېلىپ، شۇ يىلقى كەچۈرمىشلىرىمنى ئەسلىۋالىدىغان ۋە كېلىۋاتقان يېڭى يىل ئۈچۈن، كۆڭۈل تىلەكلىرىمنى ئىمكانلىرىم ئاساسىدا، ئارمان دەپتىرىمگە تىزىۋالىدىغان ئادىتىم بار ئەقىل يېشىمغا يەتكىنىمدىن بۇيان.
شۇ ئادىتىم بويىچە، بۈگۈن كەينىمگە بۇرۇلۇپ، ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قارىسام، بۇ 2014-يىل ئىچىدە، مېنى ئەڭ مەمنۇن قىلغان نەرسە يىل بويى تەندۇرۇس-ساغلام ئۆتكىنىم بولۇپتۇ. بۇ مۇكاپات ماڭا نېسىپ بولغاچقىلا، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىم بويىچە يۈرۈشۈپ كېلىۋاتقان كۈندۈلۈك خىزمەتلەرنى جاي-جايىدا بەجا كەلتۈرەلىدىم، ئەلھەمدۇلىللاھ!
ئاندىن، بىر كەم قىرىق يىللىق ئىزچىل ئەمگەك مەھسۇلاتىم بولغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مېغىزلىق بايان» ناملىق يەتتە يۈز مىڭ خەتلىك خاس ئەسىرىم «مىللىي يېزىقتىكى نەشرىياتچىلىققا ياردەم بېرىش مەخسۇس مەبلىغىغە ئېرىشكەن ئەسەر» بولۇپ، كاشغەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئون ئالتە كەسلەملىك، قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ نەشىرگە تەييارلىنىپ، بېيجىڭ شېڭتوڭ باسما زاۋۇتىدا بېسىلىپ تارقىتىلدى. بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىلمىي تەتقىقات سەپىرىدىكى ھاردۇقۇمنى چىقارغان ئەسەر، مېنىڭ ھەققىمنى ھالاللىغان ئەمگەك بولۇپ، مېنى رازىمەنلىك شادلىقىغا چۈمدۈرگەن ئامەتلىك زور ئىش بولدى.
ئاندىن، بۇ يىل مەن ئەڭ كۆپ ناخشا ئوقۇغان يىل بولدى: كېلەر يىلى ئارامغا چىقىدىغان بولغىنىم ئۈچۈنمكىن، شاگىرتلىرىم بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىۋالغىم، جىقراق پىكىر ئالماشتۇرىۋالغىم ۋە كېيىنچە ئەسلىمىگە يارىغۇدەك ئىلمىي ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى قىلىۋالغۇم كېلىپلا تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ كەلدىم. شۇ ۋەجدىن، بۇ ئاخىرقى يىلدىكى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلىرىنى قىيماسلىق ۋە ئىپتىخارلىنىش گىرەلىشىپ كەتكەن بىر ھېسسىياتتا، بار ئىقتىدارىمنى ئايىماي سەرپ قىلىپ، ئەستايىدىل سۆزلىدىم؛ بىر ئۆمۈر سۆزلىگەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۈچۈن، مەخسۇس بىر دەرس مارشى يېزىپ، ئۆزۈم ئاھاڭغا سېلىپ، شاگىرتلارغا ئۆگەتتىم:

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى
(دەرس مارشى)
خاسىيەتلىك شۇنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،
يورۇيدۇ ئۆگەنگەنسېرى ئىنساننىڭ دىلى.
كى ئاڭا ئۇل باسقان مەھمۇد كاشغەرىي مەزمۇت،
بىنا قىلىپ پۈتتۈرگەن ئەلىشىر نەۋائىي.

«چاغاتاي تىلى» دەيدۇر ئۇنى خەلقئارادا،
چاغاتاي خانلار قىلغانلىقتىن دەۋلەت تىلى.
ئۇندىن بۈيۈك مەدەنىيەت ھالقىسى بولغان،
تارىم بويى، ئورتاسىيا - پۈتكۈل تۈرك ئېلى.

«قىسەسۇل ئەنبىيا»(1) دۇر ئۇنىڭ باش پاسىلى،
«يىللارغا جەۋاب»(2) مۇ ئۇنىڭ ئېسىل ھاسىلى.
قوللانغان ئەجدادلار ساق ئالتە ئەسىرگىچە،
يېزىلغان ئۇنىڭ بىلەن ئەسەرلەر نادىرى.

ئاماننىساخان رەتلىگەن ئۇيغۇر مۇقامى ،
ئاھاڭ يارقىن، تېكىست گۈزەل يوقتۇر مىسالى.
ئوقۇدۇق، ئوقۇيمىز ئەبەدۇلئەبەد، چۈنكى-
ئانا تىلىمىزدۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى!
نەقرات:
ئانا تىلىمىزدۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،
يورۇيدۇ ئۆگەنگەنسېرى ئۇيغۇرنىڭ دىلى!
(ئىزاھات: (1) «قىسەسۇل ئەنبىيا»: مىلادىيە 1310-يىلى يېزىلغان ناسىرۇددىن رابغوزىينىڭ ئەسىرى.
(2) «يىللارغا جەۋاب»: 1944-يىلى يېزىلغان لوتفۇللاھ مۇتەللىبنىڭ نادىر ئەسىرى.)
ھەر قېتىملىق دەرس باشلىنىش ئالدىدا، مەنمۇ پەيزىم بىلەن قوشۇلۇپ، بۇ مارشنى جاراڭلىق ئوقۇيمىز-دە، كەيپىيات شۇ ئان كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى سائەتلىك دەرسىمىز تولىمۇ قىزغىن ۋە جانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتىدۇ، دەرس چەندىكىدەك ئۆزلىشىدۇ.
ئاندىن، بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ستودېنتلار ھەر يىلى 10-ئايدا، «ئىكىساق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىلقى مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار: «مۇئەللىم، ئاڭلىساق سىز كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ئارامغا چىقىدىكەنسىز. شۇڭا، ئەڭ ئاخىرقى خىزمەت يىلىدىكى ئۇستازىمىز سالاھىيەتىڭىز بىلەن ئالاھىدە مېھمان بولۇپ، مۇسابىقە باشلاش مۇراسىمىمىزغا قاتنىشىپ بەرسىڭىز» دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. مۇراسىمغا قۇرۇق قول قاتناشقۇم كەلمەي، يىللاردىن بۇيان مەزكۇر «ئىكىساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياپ-يېشىل توپ مەيدانلىرىدا، شوخ تايچاقلاردەك چېپىشىپ يۈرگەن مۇسابىقىچىلار تىلىدىن مۇنۇ مارشنى يېزىپ، ئۆزۈم ئاھاڭغا سېلىپ، مۇسابىقە باشلاش مۇراسىمىغا تەقدىم قىلىدىم:

پۇتبولچىلار مارشى
تېكىستى ۋە مۇزىكىسى: ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىينىڭ

خىسلەتلىكتۇر ئاجايىپ پۇتبول دېگەن،
ۋۇجۇد كۈچ ئېلىپ ئۇندىن چېنىقار بەدەن.
قىز-ئوغۇل ئەۋلادلار بولغاندا ساغلام،
ئانا يۇرت جانلىنىپ، گۈللىنەر ۋەتەن.
نەقرات: خىسلەتلىك ئەل ئاجايىب پۇتبول دېگەن،
پۇتبول بىلەن سۇباتلىق ئوغۇل دېگەن!
ھۇررا!
تەنتەربىيە، توپ ئويناش ئەزەلدىنلا،
ئۇيغۇرغا ئەجدادلاردىن ئۇدۇم ئىكەن.
ئىكىساقلىق دېھقانلار پۇتبول تېپىپ،
ئەجنەبىي كوماندىنى يەڭگەن ئىكەن.
نەقرات: خىسلەتلىك ئەل ئاجايىب پۇتبول دېگەن،
پۇتبول بىلەن سۇباتلىق ئوغلان دېگەن!
ھۇررا، ھۇررا!
رىقابەتلىك دۇنيانىڭ ئىنسانىغا،
ھەممىدىن زۆرۈرى ساغلاملىق ئىكەن.
پۇتبول تېپىپ، تەن دۇرۇس ئەۋلاد بولۇپ،
يۈز كېلىمىز زەر نامغا ئۇيغۇر دېگەن!
نەقرات: خىسلەتلىك ئەل ئاجايىپ پۇتبول دېگەن،
پۇتبول بىلەن سۇباتلىق ئوغلان دېگەن!
ھۇررا!..ھۇررا!...ھۇررا........ !
2014-يىل 9-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
بۇ مارشنى مۇراسىمدا، نەۋرەم دېمەتلىك ئوقۇغۇچى-شاگىرتلار بىلەن ھەمئۈن- ھەم سادا بولۇپ، جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇدۇم. شۇ چاغ ھاياجان ئىلكىدە، ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ئون سەككىز-يىگىرمە ياشلىق نەۋقىران ۋاقىتلىرىمغا قايتقاندەك بولدۇم......
ئەمدى، كىرىۋاتقان 2015-يىلغا ئۈمىدۋار كۆزلۈرۈم بىلەن باققىنىمدا، مۇنۇلارنى دېگۈم كېلىدۇ:
2015-يىل ئىككىنچى ئايدا، ئارامغا چىقىمەن. ئاتمىش بەش ياشلىق قېرى ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئادەتتە ھەممىدىن مۇھىمى سالامەتلىككە دېققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەرىكەت ۋە ئەمگەك سىجىللىقىنى تەبىئەت ئاتا قىلغان ياشانغان بەدەن كۆتۈرەلىگىدەك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، ماڭا ئوخشاش كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆز تۇيغۇلىرىنى يېزىپ، ئۆز ئوقۇرمەن، كۆرۈرمەن ۋە ئاڭلارمەنلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئەڭ بەلەن دەم ئېلىش بىلىپ، ئادەتلىنىپ كەتكەن ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، قىلىشقا تېگىشلىك ۋە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىشلار چىقىپلا تۇرىدۇكى، مەن ئۇلارنى ئۆز ئىمكانىم بويىچە داۋاملىق قىلىمەن تېخى! ئالايلۇق، مىللەتلەر نەشرىياتى خەنزۇ تىلى تەھرىر بۆلۈمىدە، مېنىڭ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا كىرىش» (察哈台维吾尔语研究导论) ۋە «>تارىخى ھەمىدىي< نىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات» (<伊米德史>语言研究) ماۋزۇلۇق ئىككى پارچە مىليون خەتلىك ئەسىرىم تەھرىرلىنىۋاتىدۇ. 2015-يىل ئىچىدە، تەھرىرلەرگە ماسلىشىپ، مەزكۇر ئەسەرلىرىمنى نەشىردىن چىقىرىمەن، ئىنشائاللاھ!
ئاندىن، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتىدا «ئىلىم، ئۇستاز ۋە شاگىرت» ماۋزۇلۇق قايماقتەك بىر نەسىرلەر توپلىمىم تەھرىرلىنىۋاتىدۇ. مەن شۇ تۇرۇقتا: «بۇ ئەسىرىم 2015-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ قالار» دېگەن گۈزەل ئارزۇدىمەن.
يەنە دېسەم، مېنىڭ «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى» (1994-يىل) ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مېغىزلىق بايان» (2014-يىل) دېگەن ئىپتىخارلىق ئەسەرلىرىمنى نەشىر قىلىپ بەرگەن مۇبارەك قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا، «ھىجرەت ۋە نۇسرەت» ماۋزۇلۇق بىر چاتما ئەدەبىي خاتىرەم، ئەمەلىيەتتە ئىلىم بىلەن ئۆتكەن ھايات مۇساپەنامەم ئىككى يىلدىن بۇيان تەھرىرلىنىۋاتىدۇ. 2015-يىل ئىچىدە، مەزكۇر ئەسىرىممۇ نەشىردىن چىقسا، ئالەمچە خوشال بولىمەن، ئەلبەتتە!
ھاسىل كەلام، 2014-يىل سانسىزلىغان ئىزدىنىش بىلەن، تىرىشچانلىق ۋە ھالال ئەمگەك بىلەن ياشايدىغان ۋە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئوخشاشلا، مېنىڭ ئۈچۈنمۇ ھوسۇللۇق ۋە قىممەتلىك بىر يىل بولدى؛ ئەمدى، كىرىۋاتقان 2015-يىلنىڭمۇ ئاسايىشلىق، ئەھمىيەتلىك ۋە نەتىجىلىك بىر يىل بولۇشىنى ئەمەلىي ئەمگەكلەر بىلەن تىلەش ئارزۇسى قەلبىمگە لىق تولدى!
2014-يىل 22-دىكابىر، بېيجىڭ.


مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)