باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

«ئەۋلىيا ئەزەم قايتىپ كەلدى» ناملىق كارتون فىلىم ئوسكار ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتى باھالىشىغا قاتناشتۇرۇلدى

2016.11.15 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە تېخنىكا ئىنستىتۇتى بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 89-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتىنى باھالاشقا تىزىملىتىلغان كىنولار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، جەمئىي 27 فىلىم تىزىملاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇلتۇر يازدا 1 مىليارد يۈەنلىك بىلەت كىرىمى ياراتقان جۇڭگونىڭ كارتون فىلىمى «ئەۋلىيا ئەزەم قايتىپ كەلدى» ناملىق فىلىممۇ بار ئىكەن. بۇ فىلىم «زۇتوپىيە» («ھايۋاناتلار شەھىرى» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان)، «سېنىڭ ئىسمىڭ» قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن نۇرغۇن نادىر كارتون فىلىملەر بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن.

  ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتىغا تىزىملىتىلغان فىلىملەر يەنە ئوسكار ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتى ۋە باشقا مۇكاپات تۈرلىرىگە قاتناشتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ. 89-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش كېچىلىكى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ھوللىۋۇدتىكى دۇبى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر