باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

چولپان ئابدۇقادىر يار ئەلى ھەققىدە

تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجدار

2015.02.11 10:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ تالانتلىق ياش ناخشىچىسى، مۇقام ۋارىسى، ئەل سۆيگەن سەنئەتكار-ئابدۇقادىر يارئېلى

  «مىراجىخان»، «ئالتۇن پاشاخان»، «قەمبەرخان»، «ئايشەمگۈل»، «ئادارگۈل» ، قاتارلىق ئۆلمەس خەلق ناخشىلىرىنى،«ئىنتىزار»«ئالتۇن توي»،«قەشقەر قىزى»، «سەھرا گۈزىلى»، «تەشنا ساڭا»،«شاھىن شاھ»، «دېھقان ئۇلۇغ»، قاتارلىق نادىر ئىجادىي كۈيلەرنى ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقاملىرىنى رايونىمىز ئىچى سىرتى، ھەتتا دۇنيا سەھنىلىرىدە جاراڭلىتىپ مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ تالانتلىق ياش ناخشىچىسى، مۇقام ۋارىسى، ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئابدۇقادىر يارئېلى- 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ شەھرىدە تۆھپىكار سەنئەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.كىچىكىدىنلا قويۇق سەنئەت مۇھىتىدا چوڭ بولغان ئابدۇقادىر تېخى ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن چېغىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا-ئۇسۇل دراما ئۆمىكى ئوينىغان «مۆلجەر تاغ بورانلىرى» ناملىق تىراگېدىيەدە بىر كىچىك بالىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ «كىچىك چولپان» دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ سەھنە ھاياتى باشلانغان. 1987-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەر سەنئەت مۇسابىقىسىدە «مۇنەۋۋەربالا ئارتىس»مۇكاپاتىغائېرىشكەن.1989-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەر سەنئەت مۇسابىقىسىدە«مۇنەۋۋەر بالا ناخشىچى» بولۇپ باھالانغان.

  ناخشا-ئۇسۇلغا ھېرىسمەن بۇ شاكىچىك 1993-يىلى ئۆزىنىڭ تەبىئى تالانتى بىلەن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. لېكىن گۆدەك ئابدۇقادىرنىڭ يۈرىكىدە خەلق ناخشىلىرىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بولغاچقا 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇقام ئورۇنلاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.2000-يىلى ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىغا تاللىۋېلىنغان. خىزمەتكە چۈشۈپلا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ س د، ۋ س د، د ۋ د نۇسقىسى ۋە ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ بۇ خىزمەتنىڭ غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان. 2005-يىلى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مۇكاپاتلىق ناخشا مۇسابىقىسىدە «ۋەتەن ئىشقى»، «ئوينايلى ساما»، «گۈزەل نورۇز» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ 2-دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلدىن ھازىرغىچە «جان بالىخان»، «ئويناڭ دەردى بار بالىلار»، «غېرىپ ناخشىسى» قاتارلىق يالغۇز كىشىلىك ۋە كوللىكتىپ ئورۇنلىغان ناخشا پىلاستىنكىسى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى 6-ئايدىن 2013-يىل 2-ئايغىچە دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەدەنىيەت نازارىتى ۋە مۇقام ئانسامبىلىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە چەتئەلدىكى مۇھاجىرلاردىن ھال سوراش يۈزىسىدىن فرانسىيە، بېلگىيە، فىنلاندىيە، ھىندىستان، بېرۇنىي، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، پاكىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا چىقىپ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ۋە ئون ئىككى مۇقامنى ئورۇنلاپ شۇ ئەل تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ھەر يىلى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇربان ھېيت، روزى ھېيت، مەشرەپ، نورۇز قاتارلىق ھەر خىل چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ۋە ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى، مۇقامدىن ئارىيەلەرنى ئورۇنلاپ سەنئەتسۆيەر خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان پەخىرلىك ناخشىچىغا ئايلاندى.

  ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق ۋە كەسپكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئۇنىڭ بۈگۈنىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئاشۇ ۋايىغا يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن ئېيتقان ئۆلمەس ناخشىلىرى ۋە يېقىشلىق ئاۋازىنى خەلقىمىز مەڭگۈ قەدىرلەپ ئاڭلايدۇ.

  2015-يىلى 4-فېۋرال. كېچە. ئۈرۈمچى

  ئابدۇقادىر يار ئەلى ئىجىراسىدا «دادەي» ناملىق يېڭى پىلاستىنكا بازارغا سېلىندى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر