ئالى بابا «بويتاقلار بايرىمى»نى مال سېتىۋېلىش بايرىمىغا ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكتىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كۈنى توردىن ئەرزان باھادا مال سېتىۋېلىپ خۇشال بولغان بولسىمۇ بىراق بۇ جۇڭگودىكى بويتاقلارنىڭ توي قىلىش غېمىدىن قۇتۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، جۇڭگودا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇشۇ توي قىلىش ئىشىدا ئېغىر غەم يەيدۇ. 2010-يىلىدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا مەملىكىتىمىزدىكى 30 ياشلىقلار ئىچىدە %11 ئايال، %20 ئەر تېخى توي قىلمىغان.
ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇقلارنىڭ توي ئەندىشىسى ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس، جۇڭگو نوپۇس پاراۋانلىق فوندنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى %38.2 ئەر، %41.1 ئاياللار 30 ياشتا توي قىلغاننى كېچىكىپ توي قىلغان دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قارىشى قانۇندا بەلگىلەنگەن كېچىكىپ توي قىلىش يېشىدىن خېلىلا پەرقلىق.
گەرچە بىز «ئولتۇرۇپ قالغان قىز» (ئايپاتەم) دەپ ئاتاشنى قوللىمىساقمۇ بىراق بۇ دوكلاتتا يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ قىزلار نەچچە ياشتىن ئاشسا ئايپاتەم بولىدۇ دېگەندەك قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، %66.6 ئاياللار قىزلار 30-35 ياشقىچە بولغان قىزلارنى ئايپاتەم دېسە بولىدۇ دەپ قارىغان، % 81.5 ئەرلەر 30 ياشتىن ئاشقان قىزلارنى ئايپاتەم دېيىش كېرەك دەپ قارىغان.
قېرى يىگىتلەرگە قارىتا بەزىلەر 35-40 ياشقىچە توي قىلمىغانلارنى دېيىش كېرەك دېسە بەزىلەر 30-35 ياشتىكى يىگىتلەرنى دېيىش كېرەك دەپ قارىغان.
دۇنيادىكى بويتاقلار ئەڭ كۆپ رايونلار ياۋروپانىڭ شىمالى ۋە غەربى قىسمى بولۇپ، ئىلگىرى ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD)بۇ رايوندىكى تەرەققىي تاپقان 34 دۆلەتكە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
بۇ دۆلەتلەردىكى 20 ياشتىن ئاشقان بويتاقلارنىڭ ئومۇمى نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئوخشاش ئەمەس، يەنى دانىيەدە ئەڭ كۆپ بولۇپ %24.1 ، فىرانسىيەدە %22، فىنلاندىيەدە %19.6، بېلگىيەدە %19.5. بويتاقلار نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى تۈركىيە بولۇپ، تۈركىيەدىكى توي قىلىش يېشىدىكى كىشىلەر ئىچىدە پەقەت %3.9 ئادەملا بويتاق، ئامېرىكىدا %13.4 ئادەم بويتاق.
مەلۇم تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە توي قىلىش يېشى ئەرلەرنىڭ 29 ياش، ئاياللارنىڭ 27 ياش بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىلىقلار ئىچىدە توي قىلمايدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا، ئەلۋەتتە توي قىلمىغانلىق يالغۇز تۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ ھەمراھى بار، شۇنداقلا نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلىرىمۇ بار.
دوكلاتتا كىشىلەرنىڭ توي قىلماسلىقى ياكى كېچىكىپ توي قىلىشى ئىقتىسادى كاساتچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىلگەن.