خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەزىلەر ئەگەر مۇزىكا بولمىغان بولسا يىپەك يولى قانچىلىك تىمتاس بولۇپ كېتەتتى، دېيىشىدۇ. بۇ قىش پەسلىدە، 11 تارماق مۇزىكا ئەترىتى، 30دىن ئارتۇق مۇستەقىل مۇزىكانتلار سانجىغا يىغىلىپ، سىزنىڭ خەلق ناخشىسى ۋە دۇنياۋى مۇزىكىلارنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشىڭىزنى كۈتمەكتە.
8-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ سانجى يىپەك يولى بېشبالىق مۇزىكا بايرىمىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات ئىدارىسى، سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت تەنتەربىيە رادىئو ـ تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باش بولغان «يىپەك يولى بېشبالىق مۇزىكا كېچىلىكى» 19-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە ھەر كۈنى كەچ سائەت 20:00دە سانجى ئوبلاستلىق سەنئەت تىياتىرخانىسىدا ئويۇن كۆرسىتىدۇ، بۇ 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى، يىپەك يولىنى بويلاپ ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق خەلق ناخشىلىرى ۋە دۇنياۋى مۇزىكا ئۇسلۇبىنى ئاساسىي تېما قىلغان مۇھىم سەنئەت كېچىلىكى.بۇ قېتىملىق مۇزىكا بايرىمىنىڭ ئاساسلىق ساھىبخانى شىنجاڭدىن چىققان جۇڭگودىكى مۇستەقىل مۇزىكا ساھەسىدىكى داڭلىق مۇزىكانت جاڭ جى شۇنداقلا «سەيياھ مۇزىكا ئەترىتى» بولۇپ، شىنجاڭلىق ھەر مىللەت مۇزىكانتلىرىنىڭ يىغىلىشى بۇ قېتىملىق مۇزىكا بايرىمىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى