باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

دۇنياغا داڭلىق خەير-ساخاۋەتچى شاۋ يىفۇ 107 يېشىدا ۋاپات بولدى

2014.01.07 15:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە-رادىيو چەكلىك شىركىتى (سىملىق تېلېۋىزيە ئىستانسىسى) 7-يانۋار مەزكۇر شىركەتنىڭ پەخرىي رەئىسى ، كاتتا ساخاۋەتچى شاۋ يىفۇ ئەپەندىنىڭ شۇ كۈنى سەھەر سائەت 6:55 ئۆتكەندە شياڭگاڭدىكى ئۆيىدە ، 107 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى . بۇ 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى شاۋ يىفۇ ئەپەندىنىڭ شياڭگاڭدا 2011-يىللىق شاۋ يىفۇ مۇكاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋاقتى

  شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە-رادىيو چەكلىك شىركىتى (سىملىق تېلېۋىزيە ئىستانسىسى) 7-يانۋار مەزكۇر شىركەتنىڭ پەخرىي رەئىسى، كاتتا ساخاۋەتچى شاۋ يىفۇ ئەپەندىنىڭ شۇ كۈنى سەھەر سائەت 6:55 ئۆتكەندە شياڭگاڭدىكى ئۆيىدە ، 107 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى . شاۋ يىفۇ ھايات ۋاقتىدا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كۆپلەپ قاتناشقان بولۇپ ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن . ئۇنىڭ قىلغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى پۈتۈن جۇڭگونىڭ ھەممە جايلىرىغا دېگۈدەك تارقالغان بولۇپ ، پۈتۈن جۇڭگودىكى نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپلەردە شاۋ يىفۇ ئەپەندىنىڭ نامىدىكى ‹‹يىفۇ بىناسى›› بار .

  شاۋ يىفۇنىڭ ئەسلى ئىسمى شاۋ رېندېڭ بولۇپ ، ئۇ 1907-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى جېنخەي بازىرىدا تۇغۇلغان . ئۇ شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە-رادىيو چەكلىك شىركىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ، شاۋ فامىلىلىك قېرىنداشلار كىنو شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ، شياڭگاڭ-شاڭخەي سودىگەرلەر ئويۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭدىكى داڭلىق كىنو ئىشلىگۈچى . ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ، ئىچكىرى ئۆلكە ، شياڭگاڭنىڭ مائارىپ ، داۋالاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇش قاتارلىقلارغا نۇرغۇن پۇل ئىئانە قىلغان . 1974-يىلى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ تۆھپە ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 1977-يىلى ئامېرىكا سان-فرانسىسكو شەھىرى ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىنى ‹‹شاۋ يىفۇ كۈنى›› قىلىشنى قارار قىلغان . 2003-يىلى شاۋ يىفۇ مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان بولۇپ ، ھەر يىلى دۇنيادا ماتېماتىكا، ھاياتلىق ئىلمى ۋە تېبابەت ، شۇنداقلا ئاسترونومىيە قاتارلىق ساھەلەردە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان ئالىملارنى تاللاپ مۇكاپات تارقاتقان ، 2011-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان .

  شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە-رادىيو چەكلىك شىركىتى (قىسقارتىلىپ TVB دېيىلىدۇ ) نى لى شياۋخې ، چى دېزۇن ، شاۋ يىفۇ قاتارلىقلار قۇرغان بولۇپ ، دۇنيادىكى تۇنجى گۇاڭدۇڭ تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا پىروگرامما تارقىتىدىغان سودا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر