باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ «تەكلىماكاندىن كەلگەن روك» ناملىق پىلاستىنكىسى گىرمانىيەدە تارقىتىلدى

2013.05.30 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ «تەكلىماكاندىن كەلگەن روك» ناملىق پىلاستىنكىسى يېقىندا گىرمانىيەدە رەسمىي تارقىتىلدى. بۇ پىلاستىنكىغا «دولان مۇقامى» ، «قارا يورغا»، «ئاق بايان»، «ئىشچى»، «تۇغۇلغان كۈنۈم»، «قىزلار»، «تارىم»، «شۈكرى دېدىم» ، « زەيتۇنخان- نازىركوم» قاتارلىق ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باھاسى 17 ياۋرو.

  قېتىق مۇزىكا ئەترىتى 2010-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. ئەترەتنىڭ ئاساسلىق گىتارچىسى ۋە ناخشىچىسى پەرھات خالق شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماي بوياق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. بۇ مۇزىكا ئەترىتىدە يەنە قازاق، تاتار ياشلىرىمۇ بار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكا ئالاھىدىلىگى ناھايىتى كۈچلۈك.

  بۇ مۇزىكا پىلاستىنكىسى گىرمانىيە ئوسنابۈرك شەھىرى ۋە ئۈرۈمچىدە ئاۋازغا ئېلىنغان.

  مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نامى «قېتىق» سۆزى گەرچە ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىسىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. شۇ چاغدا بىر تورداش مۇنداق دەپ باھا يازغان :« پەرھاتنىڭ ناخشىلىرى قېتىقتەك ئاستا-ئاستا ئۇيىدۇ، ناخشا ئېيتسا پۇتۇن ھېسسىياتى بىلەن ناخشا ئوقۇپ قېتىقتەك ئۇيۇپ كېتىدۇ، تاماشىبىنلارمۇ ،مۇڭلۇنۇپ قېتىقتەك بولۇپ كېتىدۇ». بۇ بەلكىم مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نامىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى باھا بولسا كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە