باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىمنىڭ «ئادىمىيلىك ھەققىدە ئويلار»ناملىق نەسىرMTV سى نەشىر قىلىندى

2013.04.24 09:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەسىرMTV يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېلېۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچرىشىۋاتقان تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ يېڭى بىر شەكلى بولۇپ، ئۇ ئىپادىلەش مۇكەممەللىكى بىلەن زور ھاياتى كۈچكە ئىگە.

  بايىنغولىن خەلق رادىيو ئىستانسىسىىنىڭ تونۇلۇۋاتقان ياش دىكتورى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم بىر قانچە يىللاردىن بۇيان نەسىر MTV ئۈستىدە ئەتراپىلىق ئىزدىنىپ، ئۆز يېنىدىن مەبلەغ سېلىپ ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇنجى يۈرۈشلۈك نەسىرMTV«ئادىمىيلىك ھەققىدە ئويلار»نى جۇڭگو مىللەتلەر ئۈن ـ سىن نەشىرياتىدا نەشىر قىلدۇردى.

  «دىھقان ئاكا»،«ئادىمىيلىك ھەققىدە ئويلار»،«نادان مۇخلىسلار» قاتارلىق نادىر يۈرۈشلۈك نەسىر MTV دا تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ يېڭى شەكىللىك ئالاھىدىلىگى ۋە خاسلىقىنى جارى قىلدرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ئىزدەلگەچكە، بۇئەسەرلەر مۇكەممەل ھالەتتە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەمدە ياخشى باھاغا ئىرىشتى.

  تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىمنىڭ كەسپى ھاياتىدىن خەلقىمىزگە سۇنغان بۇ گۈلدەستىسى سىزنىڭ روھى دۇنيايىڭىزنى جۇشقۇنلۇتۇپ، مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىر ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە