باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

ئوسكار مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

2013.04.21 17:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 500 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە ئىگە كىچىك ئالتۇن ئادەم

  بارلىق كىنو ساھەسىدىكىلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ئېگىزلىكى 34.92سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 3.86كىلوگرام كېلىدىغان مۇكاپات «كىچىك ئالتۇن ئادەم» ئەمەلىيەتتە ساپ ئالتۇن ئەمەس، بەلكى سىرتقى بىر قەۋىتىگىلا K24 كېلىدىغان ئالتۇن يالاتقان بولۇپ، ياساش تەننەرخى 500 ئامېرىكا دوللىرى.

  ھەر يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىنى باھالاشقا 6000كىشىلىك زور باھالاش كومېتىتى قاتنىشىدۇ

  1927-يىلى 5-ئاينىڭ11-كۈنى قۇرۇلغان ئامېرىكا كىنو-سەنئەت ئاكادىمىكى ئوسكار مۇكاپاتىنى باھالاش ئورگىنى بولۇپ، مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە 275 باھالىغۇچىلا بار ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى باھالىغۇچىلار 2000 غا يەتكەن. 1985-يىلىغا كەلگەندە كۆلىمى تېخىمۇ زورىيىپ 4000 غا يەتكەن، غايەت زور كۆلەملىك باھالىغۇچىلار كومېتىتىدىكى ئەزالار ھازىر 6000 دىن ئاشقان. بۇ يىللىق ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىمنى قوشقاندا ئوسكار تارىخىدا جەمئىي 85 فىلىم قويۇلدى.ئىلگىرىكى 84ئەڭ مۇنەۋۋەر فىلىمنى قويۇشقا 11مىڭ719 مىنۇت، يەنى 195 سائەت كېتىدىكەن، ھېسابتا توختىماي 8 كۈن قويۇلغانغا باراۋەر بولىدىكەن.

  ئىلگىرىكى 84 قېتىملىق ئوسكار«ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور» مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ ئېرىشكىنى جون فورت بولۇپ، جەمئىي تۆت قېتىم«كىچىك ئالتۇن ئادەم» گە ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىنلا فرانك ۋە ۋېليام بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۈچ قېتىمدىن ئېرىشكەن، قالغان 15 رېژىسسور ئىككى قېتىمدىن ئېرىشكەن.

  «ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 65 كىشى ئىچىدە، 64ى ئەر كىشى بولۇپ، بىر ئايال، بۇ ئايال دەل تىتانىك فىلىمىنىڭ رېژىسسورى جېمىس كامىروننىڭ ئالدىنقى ئايالى كاتىرىن.

  ئوسكاردىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور» مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 46.88 بولۇپ، يېشى ئەڭ چوڭى كېلېنت 75 يېشىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يېشى ئەڭ كىچىكى رېژىسسور 32 يېشىدىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 40~49 ياشلار قاتلىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ 49 غا يەتكەن. ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىسلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 44.58، ئاياللارنىڭ 36.99.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە