باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

مادوننا پۇتىنغا قارشى مۇزىكا ئەترىتىنى ۋە ھەمجىنسلارنى قوللىدى

2013.04.19 16:36   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مادوننا پۇتىنغا قارشى مۇزىكا ئەترىتىنى ۋە ھەمجىنسلارنى قوللىدى

  دۇنياۋى دەرىجىلىك كاتتا چولپان مادوننا پۈتۈن يۈرەك قېنىنى ناخشا كەسپىگە ئاتاپلا قالماستىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى سەزگۈر مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرمەيدۇ. ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى» نىڭ 17-ئاپرىل خەۋەر قىلىشىچە مادوننا روسىيىدە ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، پۇتىنغا قارشى «Pussy Riot» پۇنك قىزلار ناخشا ئوركېستىرىنى ئوچۇق-ئاشكارە قوللىغانلىقى ئۈچۈن، روسىيە تەرەپ ئۇنى چېگرىدىن كىرگۈزمەسلىكى مۇمكىن.

  «Pussy Riot» روسىيەلىك بەش قىزدىن تۈزۈلگەن پۇنك مۇزىكا ئەترىتى. ئۇلار مۇزىكا كېچىلىكىدە «بەتقىلىق مەزمۇن» نىدىكى ناخشىلارنى ئېيتقانلىقى ئۈچۈن، روسىيە جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭدىن سىرت ئۇلار يەنە كۆپ قېتىم روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا قارشى ناخشىلارنى ئېيتىپ، ھەمجىنىسلارنى ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا قوللىغان. 2012-يىلى بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئۈچ ئەزاسى «لۈكچەكلىك جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان.

  شۇ يىلى ناخشا خانىشى مادوننا روسىيە پايتەختى موسكۋا ۋە سانائەت شەھىرى سانت پېتىربۇرگدا ئويۇن قويغاندا، ئاشكارە ھالدا «Pussy Riot» غا مەدەت بېرىپ، ھەمجىنسلارنى قوللىغان.

  بۇ ھەرىكەت روسىيە تەرەپنى قاتتىق نارازى قىلغان بولۇپ، بىر پارلامېنت ئەزاسى ئۇنى قانۇنسىز سودا بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ ئەيىبلىگەن. كونسېرت سودىگىرىگىمۇ 10 مىڭ 500 ياۋرو جەرىمانە قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇنىڭدىن كېيىن، 54 ياشلىق مادوننا روسىيە چېگرىسى ئىچىگە قايتا ئاياغ باسالماسلىقى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز