4-ئاينىڭ 16-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تيەنتەن باغچىسىنىڭ چىنيەن قەسىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بايرام 16-ئاپرىلدىن 23-ئاپرىلغىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ بايرامدا «تيەنتەن مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنىدۇ.بۇ قېتىمقى كىنو بايرىمىغا 63 دۆلەت ۋە رايوندىن 1300 دىن ئارتۇق كىنو قاتناشتۇرۇلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىنوچىلىق ساھەسىدە داڭ قازانغان 300 دىن ئارتۇق شەخس قەدەم تەشرىپ قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لو شياۋگۇاڭ فوتوسى)