خەلق تورىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شۇ يەر ۋاقتى 24-فېۋرال، ئامېرىكا لوس ئانجىلىس ھوللىۋودتا 85-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىلدى. جېننىفىر لورىنىس «قارا بۇلۇت كەينىدىكى بەخت» ناملىق فىلىمدىكى ئوبرازى بىلەن مۇنەۋۋەر باش ئايال رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ بۇ نۆۋەتلىك ئوسكاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىردىنبىر 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان چولپان.