باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

‹‹گۈزەل شىنجاڭ›› سەنئەت كېچىلىكى غەربىي يۇرت جىلۋىسىنى نامايان قىلدى

2013.02.25 15:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەڭرىتاغ تورى ، كورلا ، 23-فېۋرال خەۋىرى : شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ نادىر نومۇرلاردىن تەركىب تاپقان سەنئەت كېچىلىكى ـــ ‹‹گۈزەل شىنجاڭ›› 22-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە كورلىدا ئۇدا قويۇلدى .

  ‹‹گۈزەل شىنجاڭ›› ـــ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ‹‹ بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي ›› دىن كېيىن بارلىققا كەلتۈرگەن يەنە بىر نادىر ئەسەر .

  بۇ قېتىمقى ‹‹گۈزەل شىنجاڭ›› ناملىق سەنئەت كېچىلىكى ئۇيغۇر، قازاق ، تاجىك ، قىرغىز ، موڭغۇل قاتارلىق 13 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ نادىر ئۇسسۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، كۆرگەن كىشىنى ئۆزگىچە سەنئەت ئالىمىگە باشلاپ كىرىدۇ .

  ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ماۋ زېدۇڭ ، جوۋ ئېنلەي قاتارلىق ئالدىنقى بىر ئەۋلاد پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن 1949-يىلى قۇرۇلغان. 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئېسىل نومۇرلارنى ئىجاد قىلىش ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇپ ، 30 دىن ئارتۇق نادىر ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرنى ئىجاد قىلغان ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 200 تۈرلۈكتىن ئارتۇق سەنئەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ، ئۇدا ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىدە ‹‹ئالتۇن›› مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە