باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

85-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتى ئېلان قىلىندى

2013.01.14 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 10-يانۋار كەچتە، 85-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكى ھوللىۋودتا ئاشكارىلاندى، جۇڭگولۇق مۇھاجىر لى ئەن رېژىسسورلۇق قىلغان «ئۆسمۈر بالىنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى» ناملىق فىلىمنىڭ مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتى ، مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتى ، مۇنەۋۋەر سۈرەتكە ئېلىش مۇكاپاتى ، مۇنەۋۋەر مۇزىكا مۇكاپاتى ، مۇنەۋۋەر كىرىشتۈرۈش مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر سىنارىيەلەشتۈرۈش مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر كۆرۈش ئۈنۈمى مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر سەنئەت يېتەكچىسى مۇكاپاتى قاتارلىق 11 تۈر بويىچە ئىسمى ئاتالدى.

  85-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىدە، «ئۆسمۈر بالىنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى» ناملىق فىلىمدىن باشقا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكىنى ئامېرىكىلىق رېژىسسور سىتىۋېن سىپېربېرگنىڭ قىسىسە تىپىدىكى فىلىمى «لىنكلولىن» بولدى، بۇ فىلىمنىڭ 12 تۈر بويىچە نامى ئاتالدى، باش رولچى دانىل لۇئىسمۇ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتلىرى قاتارىدا ئىسمى ئاتالدى، ئۇ 1989-يىلى ۋە 2008-يىلى ئىككى قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە