باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

پارىژدا 20 مىڭ نەپەر گاڭنام ئۇسۇلىنىڭ چوقۇنغۇچىسى يىغىلىش ئۆتكۈزدى

2012.11.09 14:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرى، كورىيە مەركەز كۈندىلىك گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى PSY مىكرو بىلوگىدا «GOTTA SEE THIS PIC» دەپ يازغان ھەمدە بىر پارچە فىرانسىيەنىڭ پارىژ ئىفىل مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كادىرو مەيدانى (Cadero square)دا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ نەق مەيدان سۈرىتىنى ئاشكارلىغان. PSY نىڭ ئالدىدا تەخمىنەن 20 مىڭ نەپەر يەرلىك چوقۇنغۇچىلار يىغىلغان ئىدى، بىز سۈرەتتىن شۇ ۋاقىتتكى كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

  بۇ قېتىملىق Style ئۇسۇلى پائالىيىتى فىرانسىيە رادىيو مىلودىيە قانىلى NRJ تەرىپىدىن پىلانلانغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن PSY پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپ ئەۋەتكەن مەخسۇس ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ئالايىتەن ئامېرىكىدىن فىرانسىيەنىڭ پارىژغا كەلگەن. 20 مىڭ نەپەر يەرلىك چوقۇنغۇچىلار شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا پارىژ ئىفىل مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كادىرو مەيدانىدا PSY نىڭ كىلىشىنى ۋە شۇنداقلا بۇ پائالىيەتكە بىرگە قاتنىشىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.

  PSY بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن 6-نويابىر چۈشتىن كىيىن پارىژ شەھەر ئىچىدىكى بىر مىھمانخانىدا مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى. ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىق جايلارغا بارماقچى، ئۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا غايەت زور چوقۇنغۇچىلار قۇشۇنىغا ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە