باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>جۇڭگو ئارزۇسى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى بىرلىكتە روياپقا چىقىرايلى (1)

گو يىخەي

2013.11.12 15:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››دىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىنى تەكىتلىدى. يولداش جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسى. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ ئارزۇسى بىلەن زىچ باغلانغان. شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا ئومۇمىيەتكە تاقىلىدۇ، ئەھمىيىتى زور. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نەزەر سالساق، مۇقىم سىياسىي تەرتىپ ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بولمىسا، ھەر قانداق ئىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. تارىخ ۋە ئەمەلىي تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى دۆلەت بىرلىككە كەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولسا، ئىش ئوڭ، ئەل ئىناق، دۆلەت باياشات، خەلق خاتىرجەم بولىدۇ. دۆلەت پارچىلانسا، مىللەتلەر ئارا نىزا كۆرۈلسە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى يوقايدۇ، دۆلەت ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ، خەلق بالايى قازاغا دۇچار بولىدۇ. يولداش ماۋزېدۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت ئىچىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىمىزدا مۇقەررەر غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: جۇڭگونىڭ مەسىلىسىدە، مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. مۇقىم مۇھىت بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ. ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، مۇقىم، تەرتىپلىك ئىجتىمائىي مۇھىت بولۇشى كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقى زىچ باغلانغان. مىللەتلەر ئىتتىپاق بولسا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولىدۇ؛ مىللەتلەر ئارىسىدا نىزا كۆرۈلسە، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى بۇزغۇنچلىققا ۋە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش شىنجاڭدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ‹‹مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىياتى››دىن ئىبارەت مىللەتلەر خىزمىتى باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، ھەمكارلىشىپ، قىيىنچلىقنى يېڭىش، ماس تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، بۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك قىيىنچلىق، خەۋپ خەتەر، خىرىسنى يېڭىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ كۈچ مەنبەسى. قەدىمكىلەر: ئاۋام ئىتتىپاق بولسا قۇدرەت تاپۇر، دېگەن. يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ ئېيتقىنىدەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى شىنجاڭدىكى ھەر بىر كىشى، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەممەيلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، ئارزۇغا يېتىدىغان كۈچ زورىيىدۇ. ئۆزبېكلەردە مۇنداق بىر گەپ بار: ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. ئىتتىپاقلىق قەلبلەرنى ئويۇشتۇرىدۇ، ئىتتىپاقلىق كۈچ توپلايدۇ. شىنجاڭ ھازىر مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەت باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ، ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، قەلبداش بولۇپ، تەڭ كۈچەپ ئۇيۇشقاندىلا شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئۇزاق ئەمىنلىكىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باياشات، خاتىرجەم تىرىكچىلىكىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر