باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>جۇڭگو ئارزۇسى

چوپانلىقلارنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»

مۇساجان ياسىن

2013.08.13 10:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چوپان يېزىسى-قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70كىلومېتىر، ئاھالىلەر يىلانباغرى سوزۇلغان چوپان دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق ۋەچارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن چوپان دېگەن سۆز ، <<پادىچى>>دىگەن مەنىدە بولۇپ، چارۋىىچلىق بىلەن شۇغۇللانغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان، يەنە ئىككىنچى خىل مەنىسى<<چوڭقۇر جىلغا>> دېگەن قاراشتىكىلەرمۇ بار.

  يېزىمىز تاغلىق يېزا بولغاچقا تەرققىياتى ئاستا بولۇپ، يول، داۋالاش، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە خەلق تۇرمۇشىدىن ئېغىز ئېچىشقا بولمايتتى. ناھىيە بازىرى بىلەن يېزا ئارىلىقىدىكى تاش يول 50-يىللاردا ياسالغان بولغاچقا، دېھقانلار يىلدا بىر نەچچە كۈن يول رېمونت قىلاتتى، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى 3 سائەتتە ئارانلا 70كىلومېىتر مۇساپىنى بېسىپ، ناھىيە بازىرىغا يىتىپ باراتتى، 1995-يىلدىن باشلاپ يېزىلىق خەلق ھۆكۇمىتى ھەر يىلى بىر ئاي ئوپچۆرىىسدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، يوللارنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاش، شېغىل ياتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدى .1999-يلى دۆلەتنىڭ 4مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىشى دېھقانلارنىڭ شېغىل ۋە ماي ياتقۇزۇش ئىشلىرىغا خالىس ياردەم قىلىشى بىلەن، ماي يول يېزا مەركىزىگە تۇتۇشۇپ، بۇ يېزا تارىخىدىكى ئەڭ-چوڭ بىر خەلق تۇرمۇشى روياپقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئىشەك ئارقىلىق بىر كىچە <<ئوراز چۆلىدە>>قونۇپ ئەتىسى ناھىيەگە يىتىپ بارىدىغان نۇرغۇن دېھقانلار قاتناشنىڭ راۋانلىشى بىلەن، كىرا ماشىنلىرى ئارقىلىق بىر يىرىم سائەتتە مەنزىلگە يىىتپ بىرىش ئىشقا ئاشتى.

  دېھقانچىلىق ئىشلىرى بولسا يىرىم ئىپتىدائىي شەكىلدە ئىلىپ بېرىلاتتى،گەرچە 2000-يىللىرى ئۇچۇر-ئالاقە باشقا جايلاردا ئاللا بۇرۇن تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ چوپانلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر سىرلىق ئىش ئىدى. بۇ يېزا بىلەن سامچى كەنتىنىڭ ئارلىقى 70نەچچە كىلومېتىر بولۇپ،بۇ جىلغا ئىچىگە جايلاشقان،ئازغانسال، شۇشۇ كەنتلىرىدىكى چارۋىچىلار ئىشەك-تۆگە قاتارلىق ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق ئارقىلىق يىمەك-ئىچمەك تۇرمۇش مەسىلىسنى ھەل قىلاتتى، چاي-چارۋا-مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا يۆتكەيتتى، شۇشۇ كەنتى بىلەن، تارئاغزى كەنتى ئارىلىقىدا بۇ يەرلىك كىشىلەر تەرپىدىن <<ھالاكەت جىلغىسى>>دەپ ئاتالغان، ئۇزۇنلۇقى 9 كىلومېتىر كەڭلىكى 500مېتىر ئەتراپىدا بىر تاغ ئارىىسغا جايلاشقان تەبئىي توساق بولۇپ، قىشتا سۇ ئېقىنى مۇز تۇتقاندا، يازدا كەلكۈن پەسلىدە بۇ جايدا قاتناش ئۈزۈلۈپ، بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرى قىيىنچىلىقتا قالاتتى. 2005-يلى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىككى شەرق شامىلى ئابتوموبىلىغا لىق يەرلىك مەھسۇلات باسقان كىشىلەر بۇ ھالاكەت جىلغىىسغا كەلگەندە تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ، قىيان كۆتۈرۈلۈپ،بەش نەپەر ئەر-ئايال قىياندا ھاياتىدىن ئايرىلىش بىلەن، بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقىدۇ، 2005-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشش شىركىتىنى بۇ يېزىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا مەسئول قىلىدۇ. شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئولى بىر قانچە قېتىم كېلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىككى مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ يېزىدا سىگنال تارقىتىپ، ئۇچۇر-ئالاقە بولماسلىققا خاتىمە بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەر خىل ھۆججەت ماتېرىيال ۋە ناھىيەدە چاقىرىلىدىغان يىغىن خەۋىرىنى شوپۇرلار ئارقىلىق يېزا مەسئوللىرىغا يەتكۈزۈشكە خاتىمە بىرىلدى.بۇ يېزىدا 1960-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قورۇلۇپ،تاغ ئارىسىدىكى چارۋىچىلىق كەنتىلىرىدىكى ئۈچ كەنىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا يېتىپ، ئوقۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ. تاماق مەسلىسى ھەل بولمىغان ئىدى، 2003-يىلى، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقى كاپالەتكە ئىگە بولدى.ئىككى ئاساسەننىڭ تۈرتكىسى بىلەن،ئۆلچەملىك سىنىپ، كۇتۇپخانا، 4قەۋەتلىك 1000ئوقۇغۇچى سىغىدىغان قوش كارۋاتلىق ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ۋە زامانغا لايىق ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى قۇرۇلۇپ،كۈنىگە 800دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ھەقسىز ئۈچ ۋاق تاماقتىن بەھرىمان بولۇپ،بەخت ئىلكىدە ياخشى ئوقۇماقتا. مەركەزنىڭ شىنجاڭ-شىزاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە تۈر قۇرۇلۇشى بىلەن، بۇ يېزا كىشىلىرى سىملىق رادىيو بىلەن خوشلىىشپ، 50نەچچە قانالدا تېلېۋىزۇر، 10نەچچە قانالدا سۇنئىي ھەمراھ ئارقلىق يەر يۈزىدىن پروگرامما قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسىگە ئېرىشىپ، كۈنىگە 18سائەت رادىيو ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۇش ئىمكانىيتىگە ئېرىشتى. قاغىلىق ناھىيەسى بۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئاۋازىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن،<<قاغىلىق ۋاقىت گېزىتى>>نى نەشىر قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىگە بىر ساندىن گېزىتنى ھەقىسز تارقىتىپ بەردى. داۋالاش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئوتلاق ۋە ئاشلىق ياردەم پۇللىرىغا ئېرىشكەن چوپانلىقلارنىڭ بىرلا ئەڭ ئاددىي ئارزۇسى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ تارئاغزى كەنتى بىلەن سامچى كەنتى ئارىلىقىدىكى 22كىلومېتىر كېلىدىغان تاغ ئارىسىدىكى چېغىر يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ھالاكەت ئېغىىزىغا كۆۋرۈك سېلىپ،قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ، بۇ جايدىكىلەرنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ۋە يايلاق ساياھەتچىلىكىنى ئېچىش ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ 44مىليۇن يۈەن مەبلەغ سىلىشى بىلەن،يول-كۆۋرۇككە ئىش باشلاندى.قەدىمىي مەدەنىيەتكە يېقىن ھازىرقى زامان مەدەنىيتىگە يىراق بۇ تاغلىق يېزىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان<<چوپان مىڭئۆيى>>بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقىمۇ ئېچىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغۇسى، گىتار شاھزادىسى دەپ تەرىپلەنگەن ئەركىن ئابدۇللانىڭ بۇ ئانا يۇرتىدا <<جۇڭگو ئارزۇسى>>پات ئارىدا ئىشقا ئاشقۇسى! (ئىختىيارىي مۇخبىرى مۇساجان ياسىن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل