«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ بۇ يىلقى 2015-يىللىق 1-سان مۇقاۋىنىڭ 3-بېتىدىكى «مەن ئۇچراشقان كىشىلەر» دىگەن مەخسۇس سەھىپىگە مەن 2009-يىلى قەشقەردە تارتقان تاجىك ئايال يازغۇچى ئاتىكەم زەمىرىنىڭ پورترېت سۈرىتى بېسىلىپتۇ . كۆرۇپ تولىمۇ خوش بولدۇم . ۋاقىت نىمىدىگەن تېز ، ھەش-پەش دىگۈچە ئالتە يىل بوپتۇ . بىر پارچە سۈرەت بىر ھېكايە . شۇ چاغدا ، ئاتىكەم زەمىرى ھەدە بىتاپ بولۇپ ئەسلىگە كېلەلمەي ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتقىلى بىرنەچچە كۈن بولغان ئىكەن . لېكىن مېنىڭ كېلىش مەقسىدىمنى ئۇققاندىن كېيىن ، غەيرەتكە كېلىپ سۈرەت تارتىشىمغا قوشۇلغان ئىدى . ھېلىمۇ ئېسىمدە " ئۇكام بەك ئەھمىيەتلىك بىر ئىشنى قىلىپ، ئۈرۈمچىدىن ئالاھىدە كېلىپسىز ، تەلىپىڭىزنى رەت قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن . شۇنىسى روھسىز ، سۇلغۇن چىراي بىلەن چۇشۇپ قالارمەنمۇ ؟" دىگىنى ، ئەلۋەتتە ئەمدىكى قانداق ئىپادىلەپ بېرىش مېنىڭ ئىقتىدارىمغا باغلىق ئىش ئىدى . مەن خاتىرجەم بولۇشىنى ، چوقۇم ياخشى ئوبرازىنى يارىتىپ چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتىم . غەرپ تەرەپتىكى بىر كىچىك ئۆيىنىڭ دەرىجىسى ئالدىغا ئورۇندۇقتىن بىرنى قويۇپ ، ئاۋايلاپ ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن ، دەرىجىدىن چۇشكەن ئىللىق قۇياش نۇرىدا بۇ سۈرەتنى تارتتىم . قۇياشنىڭ ھاياتلىققا ئاتا قىلغان سېھرى كۈچى چەكسىز . بەزىدە ئاشۇ تارتقان سۈرەتلىرىمنىڭ ۋاقتىغا قاراپ ئىختىيارسىز نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ كېتىمەن .
مەن ھەقىقىي پورترېت سۈرەت تارتىشقا كىرىشكەن ۋاقتىم 2002-يىلى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ تارتقان لېكىن بەك مۇكەممەللىكنى قوغلۇشۇپ ، نۇرغۇن ۋاقتىمنى ۋە پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇپتىكەنمەن . مەن دائىم كىشىلەرنىڭ" مەن ماۋۇ ئىشنى قىلاي دىگەن ھەي...لېكىن ئەمدى ۋاختى ئۆتۇپ كەتتى جۇمۇ " دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالغان ۋاختىمدا، دەرھال " ئادەم بىر ئىشنى قاچان ھېس قىلغان بولسا شۇ چاغدا باشلىسىمۇ كېچىكمەيدۇ " دىگەن گېپىمنى ئۆزۈمدىن چوڭ ۋە تەڭدۇش مەسلەكداشلىرىمغا ، شاگىرت ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمغا ، گەپ توغرا كېلىپ قالغان سورۇنلاردا قانچە قېتىم دىگىنىمنى ، قانچە قېتىم تەكرارلىغىنىمنى بىلمەيمەن . ئۆزۈممۇ بۇ سۆزنى بەزىدە ئۆزۈمگە ئەسكەرتىپ تەكرارلايمەن . سىزمۇ مېنىڭ نىمە دىمەكچى بولغۇنۇمنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدىڭىز . بۇ ئاددى سۆزۇمگە ئەمەل قىلمىغان كىشى پۇشايمانغا قېلىشتىن باشقا ئاقىۋەتكە دۇچار بولماي قالمايدۇ . نۇرغۇن نەتىجىلەر مۇشۇنداق ئاددىي سۆزلەرگە ئەمەل قىلىشتىن قولغا كېلىدۇ .
كۆپىنچە ئادەم بەك كۆپ ئىشنى كاللىسىغا يىغىۋېلىپ ،قانداق قىلىشنى ئويلاپمۇ ، قىلماي تۇرۇپ ھېرىپ قالىدۇ ۋە نىيىتىدىن ئاسانلا يېنىپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ زېھنى كۈچى چەكلىك ، ئۇنداق كۆپ ئىشنى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ . پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى چامىسى يەتكەن ، ياخشى كۆرگەن بىرەر ئىشنى ئەستايىدىل ، ئىزچىل توختاتماي قىلسىلا كۇپايە . مانا بۇ ئەمەلىيەت . سۈرەت تارتىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش . سۈرەت ئۆز نۆۋىتىدە ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ئىنتايىن كۆپ ، چەكسىز دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ چۇنكى زامان تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتىدۇ ، يېڭىلىقلار ئۈزلۇكسىز پەيدا بولىۋاتىدۇ . ئەگەر ھەر بىر فوتوگراف ياكى ھەۋەسكار مەلۇم بىر تېمىنى تۇتۇپ ، خۇددى بۇرما مىقتەك ئۇنىڭغا ئىچكىرىلەپ كىرەلىسە ، ئۇنىڭ ھەر بىر باسقان قەدىمىمۇ شۇنداق پۇختا ، كېيىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىمۇ تەبىئىيلا شۇنداق چوڭ بولىدۇ. «ئەلۋەتتە بۇ باشقا ساھەگىمۇ ماس كېلىدۇ.
ھەر قانداق ئىشنى ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ، ئۆز يېنىمىزدىن باشلىساق دىگەن ئۈمىددىمەن .
قۇربان مۇھەممەت
2015-يىل 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ، ئۈرۈمچى